جۇڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى: جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى يەرلىك توپچىلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى مائاش ئۆلچىمى 5 مىليون يۈەندە ساقلىنىدۇ، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى چەت ئەللىك توپچىلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى مائاش ئۆلچىمى 3 مىليون ياۋرودا ساقلىنىدۇ

2026.11.11 15:06 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، جۇڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى «جۇڭگو پۇتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسى كۇلۇبلىرىنىڭ مالىيە ساغلاملىقىنى تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» نى بېسىپ تارقاتتى، 2027-يىل 1-ئاينىڭ 1ـ كۈنىدىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى كۇلۇبلىرىنىڭ يىللىق ئومۇمىي چىقىمىنىڭ يۇقىرى چېكى، دۆلەت ئىچىدىكى توپچىلار ۋە چەت ئەللىك توپچىلارنىڭ مائاش چېكى بىردەك ئىلگىرىكى ئۆلچەم بويىچە بولىدۇ. تەپسىلىي قائىدىگە ئاساسەن، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى كۇلۇبلىرىنىڭ يىللىق ئومۇمىي چىقىمى 600 مىليون يۈەن خەلق پۇلىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ دۆلەت ئىچىدىكى توپچىلارنىڭ باجدىن بۇرۇنقى يىللىق شەخسىي مائاشىنىڭ يۇقىرى چېكى 5 مىليون يۈەن، باجدىن بۇرۇنقى يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ يۇقىرى چېكى 3 مىليون يۈەن بولىدۇ. چەت ئەللىك توپچىلارنىڭ مائاشى جەھەتتە، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى چەت ئەللىك توپچىلارنىڭ باجدىن بۇرۇنقى يىللىق شەخسىي مائاشىنىڭ يۇقىرى چېكى يەنىلا 3 مىليون ياۋرو، چەت ئەللىك توپچىلارنىڭ باجدىن بۇرۇنقى يىللىق مائاش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ يۇقىرى چېكى 10 مىليون ياۋرو بولىدۇ. ئەگەر كۇلۇبلار دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرگەن توپچىلارنىڭ مائ‍اشىنى چەت ئەللىك توپچىلارنىڭ مائاش ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلاشنى تاللىسا، ئالاقىدار مائاش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ يۇقىرى چېكى 12 مىليون ياۋرو بولىدۇ، لېكىن دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرمىگەن چەت ئەللىك توپچىلارنىڭ مائاشى يەنىلا 10 مىليون ياۋرودىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ