تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نىشانى ۋە مۇھىم كاپالىتى (باش شۇجىنىڭ خەلقچىل ھېسسىياتى)

2026.11.10 15:14 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرىمىز جاڭ تيەنپېي

يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: "دۆلەت تېخىمۇ بىخەتەر بولۇش، جەمئىيەت تېخىمۇ تەرتىپلىك بولۇش، ئىدارە قىلىش تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇش، خەلق تېخىمۇ رازى بولۇش جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك."

تىنچ-ئامانلىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسى، خەلقنىڭ ئارزۇسى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: "تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇش ئىشلارنىڭ گۈللىنىپ روناق تېپىشىغا مۇناسىۋەتلىك، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نىشانى، شۇنداقلا مۇھىم كاپالىتى."

15-بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا "دۆلەت خەۋپسىزلىكى توسۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش" "15-بەش يىل" مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىنىڭ بىرى قىلىنىپ، "تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش" ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم "دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش"نى چۆرىدەپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ئائىلىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، تىنچ-ئامانلىق ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك؛ رەھبىرىي كادىرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، تىنچ-ئامانلىق مەسئۇلىيىتى ناھايىتى ئېغىر.

"پۇقرالارنىڭ بەختىنى قوغداش، ئائىلە-دۆلەتنىڭ تىنچ-ئامانلىقىنى قوغداش كېرەك." بۇ يىل 9-ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ فۇجيەن ئۆلكىسى "جاڭجوۋ 110"نىڭ بارلىق ئەترەت ئەزالىرىغا جاۋاب خەت قايتۇردى ھەم كەڭ گۇڭئەن كادىر-ساقچىلىرىغا سەمىمىي تاپشۇرۇق قىلدى.

فۇجيەندە خىزمەت قىلغان چاغلىرىدا، يولداش شى جىنپىڭ جاڭجوۋغا بېرىپ 110 ساقچىغا مەلۇم قىلىش مۇلازىمەت خىزمىتى ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىنى نەق مەيداندا تەكشۈرگەنىدى. نەچچە ئون يىل ئۆتۈپ كەتتى، "جاڭجوۋ 110" گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىسىغا ئايلاندى.

جېجياڭدا خىزمەت قىلغاندا، يولداش شى جىنپىڭ "تىنچ-ئامان جېجياڭ" قۇرۇش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭ بىلەن جېجياڭ "چوڭ تىنچ - ئامانلىق" قۇرۇلۇشى ئىستراتېگىيەسىنى ئەڭ بالدۇر ئوتتۇرىغا قويغان ھەم ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلغان ئۆلكىگە ئايلاندى.

ئىدىيەنىڭ تەرەققىياتى ھامان تومۇرداش بولىدۇ.

2013-يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى: "تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيتىگە قويۇپ پىلانلاش كېرەك"، "خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال-خۇرام ئىشلىشى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك."

2025-يىل 2-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ 20-نۆۋەتلىك ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 19-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: "ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت تېخىمۇ بىخەتەر بولۇش، جەمئىيەت تېخىمۇ تەرتىپلىك بولۇش، ئىدارە قىلىش تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇش، خەلق تېخىمۇ رازى بولۇش جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش كېرەك."

بىخەتەر، تىنچ، ئەمىن ....... تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى پىلانلاشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى دەل جايىدا، ناھايىتى كەسكىن ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.

تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى جىنايىتىگە زەربە بېرىش-تۈزەش خىزمىتىگە مۇھىم يوليورۇق بېرىلىپ، "بۇ تۈردىكى جىنايەتنىڭ كۆپ يۈزبېرىش، يۇقىرى نىسبەتتە يۈزبېرىش ھالىتىنى قەتئىي توسۇش" تەلەپ قىلىندى؛ ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى قوغداش توغرىسىدا، "قايسى مەسىلە گەۋدىلىك بولسا، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش" تەكىتلەندى.

خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا دائىر ئىشلار بىرمۇبىر پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، قىلچە بىپەرۋالىق قىلىنمىدى.

تىنچ-ئامانلىق خەلق بەختىنىڭ جان تومۇرى. ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، خەلقنىڭ تىنچ-ئامانلىق ۋە بىخەتەرلىك ئېھتىياجى كۈنسېرى ئاشتى. تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، بىر جاي، بىر رايون، بىر كەسىپنىڭ خەۋپسىزلىكىنى ياخشى تۇتۇش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئومۇمىي خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ، ھەربىر خەۋپسىزلىك مەسىلىسىنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئۇلنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

"14-بەش يىل" مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى گۇڭئەن ئورگانلىرى جىنايى ئىشلار دېلولىرىغا تۇرغۇزۇش دېلو سانى زور دەرىجىدە ئازايدى، بۇنىڭ ئىچىدە، 2025-يىلى تۇرغۇزۇلغان دېلو سانى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %12.8 ئازايدى؛ خەلق سوت مەھكىمىلىرى مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، داۋالىنىش قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان خەلق تۇرمۇشى دېلوسىدىن 23 مىليون 466 مىڭنى 1-سوتتا قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردى؛ تەپتىش ئورگانلىرى ئېكولوگىيە-مۇھىت ساھەسىدىكى ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسى دېلوسىدىن جەمئىي 348 مىڭنى بېجىردى، جەمئىيەت تېخىمۇ ئىناق، مۇقىم، ئامانلىق سۈپىتى تېخىمۇ يېتەرلىك بولدى.

تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى خەلقنى كۆزلەيدۇ، شۇنداقلا خەلققە تايىنىدۇ.

قانداق قىلغاندا ئاممىنىڭ ئىلتىماس-تەلەپلىرىنى ئىپادىلەش يوللىرىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، ئاممىغا تىنچلىق ۋە بەختنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟

بۇ مەسىلىنى باش شۇجى شى جىنپىڭ دائىم ئېسىدىن چىقارمايدۇ.

2020-يىل 3-ئاينىڭ 30-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جېجياڭ ئۆلكىسى ئەنجى ناھىيەسىنىڭ جەمئىيەتتىكى زىددىيەت-ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش-تۈگىتىش مەركىزىگە كېلىپ، ئاممىنىڭ زىددىيەت-ماجىرالىرىنى بىر بېكەت شەكلىدە قوبۇل قىلىش، بىرتۇتاش مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش، پۈتۈن زەنجىرلىك ھەل قىلىش ئەندىزىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

"پۇقرالار مەسىلىگە يولۇققاندا 'جاۋابقا ئېرىشەلەيدىغان' جاينىڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە زىددىيەتلەرنى بىخ ھالىتىدە ھەل قىلىش، ئاساسىي قاتلامدا تۈگىتىش كېرەك" دەپ سەمىمىي تاپىلىدى.

جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ بىر ئۇچى دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە، بىر ئۇچى مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرنىڭ خەلق تۇرمۇشى، ھال-ئەھۋالىغا تۇتاشقان بولۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوخشاش بولمىغان ئورۇنلاردا يېڭى دەۋردىكى "فېڭچياۋ تەجرىبىسى"دە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا كۆپ قېتىم توختىلىپ، "كىچىك ئىشنى كەنتتىن چىقارماسلىق، چوڭ ئىشنى بازاردىن چىقارماسلىق، زىدىيەتنى يۇقىرىغا ئىتتىرىپ قويماسلىق"نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈنۈم-ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىشنى تاپىلىدى.

"پۇقرالارنىڭ ئەتراپىدىكى چوڭ-كىچىك ئىشلارنى ياخشى ھەل قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ كۈلكىسىنى تېخىمۇ كۆپەيتىش، قەلبىنى تېخىمۇ ئىللىتىش كېرەك"، بۇ باشتىن-ئاخىر ئەستىن چىقارمايدىغان كۆڭۈل بۆلۈش، شۇنداقلا بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغان ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش.

ۋاقىت گۇۋاھچى، خەلق ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرگۈچى. تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى، تەرەققىيات، خەۋپسىزلىك كاپالىتى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى.

گۇاڭجوۋ چېگرا تەكشۈرۈش باش پونكىتىنىڭ بەييۈن چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىدا، مالايشىيالىق بىر يولۇچى چېگرادىن ئايرىلىش ئالدىدا خىزمەتچى خادىملارغا جۇڭگونىڭ ئامانلىق ئەھۋالىنى ھاياجان بىلەن سۆزلەپ مۇنداق دېدى: "جۇڭگو ھازىر بەك تىنچ، جۇڭگولۇقلار ھازىر بەك بەختلىك."

"تىنچ-ئامان جۇڭگو" كۆزنى چاقنىتىدىغان "دۆلەت نام كارتىسى"غا ئايلاندى.

تىنچ-ئامان جۇڭگو، جۇڭگو تىنچ-ئامان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ