شىنجاڭدىكى مەلۇم جايدا كۈزلۈك دەم ئېلىش ۋە "پۇتبول دەم ئېلىشى" نۇقتىدا سىناق قىلىندى!

2026.11.10 14:16 مەنبە: خەلق تورى

11-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر كۈزلۈك دەم ئېلىش ۋە "پۇتبول دەم ئېلىشى"نى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالدىن يولغا قويۇپ، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە تەنتەربىيە مۇسابىقە بايلىقىغا تايىنىپ، ئەنئەنىۋى دەرسخانا ئوقۇتۇش چېكىنى بۇزۇپ تاشلاپ، تەنتەربىيە مەيدانىنى ھەقىقىي ئادەم تەربىيەلەش بازىسىغا ئايلاندۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۈزلۈك دەم ئېلىشنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويغان تۇنجى ۋىلايەت دەرىجىلىك ئوبلاست، شۇنداقلا تۇنجى بولۇپ پۇتبول باش تېما قىلىنغان دەم ئېلىش كۈنىنى تەسىس قىلغان ۋىلايەت دەرىجىلىك ئوبلاست بولۇپ قالدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى كۈزلۈك دەم ئېلىش ۋە "پۇتبول دەم ئېلىشى" 2026-يىللىق 4-نۆۋەتلىك شىنجاڭ "ئاتۇش لوڭقىسى" پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە تۈگۈنىنى چىڭ تۇتۇپ دەل جايىدا تەسىس قىلىنىپ، ئوقۇتۇش ۋە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ۋاقتى ئىلمىي تەڭشىلىپ، ئوقۇتۇش ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە بىخەتەرلىك كاپالىتى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىنىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە، بۇ قېتىمقى كۈزلۈك دەم ئېلىش ۋە "پۇتبول دەم ئېلىشى"دا دۆلەتنىڭ دەرس لايىھەسى ۋە ئوقۇتۇش ۋاقىت تەرتىپى قاتتىق ئۆلچەم قىلىنغان، پۇتبول باش تېما قىلىنغان بىر كۈن ئالاھىدە دەم ئېلىش ۋاقتى كۆپەيتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ كەينىدىكى ھەپتە ئاخىرى (11-ئاينىڭ 21-، 22-كۈنلىرى) بىلەن تۇتىشىپ، ئۇدا ئۈچ كۈن دەم ئېلىشنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئالاھىدە دەم ئېلىش، ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن كۈندىلىك ئوقۇتۇشنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇش، بىر-بىرىنى تولۇقلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ