دالىيەن پۇتبولچىلىقى 21 يىلدىن كېيىن يەنە جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقە چېمپىيونلۇق ئورنىغا چىقتى

2026.11.09 15:29 مەنبە: خەلق تورى

2026-يىللىق مۇسابىقە پەسلى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى 8-چېسلا ئاخىرقى جەڭنى كۈتۈۋالدى، ئاخىرىدا دالىيەن يىڭبو كوماندىسى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى. بۇ دالىيەن پۇتبولچىلىقىنىڭ 2005-يىلىدىن بۇيان، يەنى 21 يىلدىن كېيىن يەنە بىر كوماندىنىڭ جۇڭگو پۇتبولچىلىقىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقە چېمپىيونلۇق ئورنىغا چىقىشى ھېسابلىنىدۇ.

شۇ كۈنى، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ سەككىز مەيدان مۇسابىقىسى بىرلا ۋاقىتتا باشلاندى، چېمپىيونلۇقنى تالىشىش رىقابىتى ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتقىچە داۋاملاشتى. يەنىلا ئۈچ نومۇر ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ قالغان چېڭدۇ رۇڭچېڭ كوماندىسى پەقەت بىر مەيدان تەڭلەشسىلا چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرەلەيتتى، داليەن يىڭبو كوماندىسى بولسا مۇسابىقىدىن بۇرۇن 49 نومۇر بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغانىدى، چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم ئۆز مەيدانىدا تيەنجىن جىنمېن يولۋىسى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىشى كېرەك ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چېڭدۇ رۇڭچېڭ كوماندىسى مېھمان مەيداندا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

مۇسابىقە قاتتىق قاردا ئېلىپ بېرىلدى، مۇسابىقە باشلىنىپ بەش مىنۇت بولغاندا، داليەن يىڭبو كوماندىسىدىكى ياڭ مىڭرۈي بىر توپ كىرگۈزدى. يېرىم مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن، داليەن يىڭبو كوماندىسى بىلەن تيەنجىن جىنمېن يولۋىسى كوماندىسى 1:0 بولدى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 49-مىنۇتىدا تيەنجىن جىنمېن يولۋىسى كوماندىسى خاداسنىڭ نۇقتا توپى بىلەن نومۇرنى تەڭلەشتۈردى، چېمپىيونلۇقنى تالىشىش ۋەزىيىتى بىر مەھەل كەسكىنلەشتى، 70-مىنۇتتا، سىتانچيۇ بۇلۇڭ توپ باشلىدى، لياۋ جىنتاۋ نۇقتا توپ نۇقتىسى ئەتراپىدا توپنى ۋاراتاغا كىرگۈزدى، داليەن يىڭبو كوماندىسى 2:1 نەتىجە بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. مۇسابىقىنىڭ قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقتىدا، داليەن يىڭبو كوماندىسى تېز سۈرئەتتە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 3:1 دە مۇقىملاشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ