پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى خەينەندە لېكسىيە سۆزلىدى (پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش)

2026.11.09 15:21 مەنبە: خەلق تورى

گېزىتىمىزنىڭ 8-ئۆكتەبىر خەيكوۋدىن بەرگەن تېلېگراممىسى، پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى 11-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە خەينەندە لېكسىيە سۆزلىدى، مەركەز لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى مېڭ شياڭفېڭ لېكسىيە دوكلاتى بەردى.

دوكلات بېرىش يىغىنىدا، مېڭ شياڭفېڭ لېكسىيەنىڭ باش تېمىسىغا بىرلەشتۈرۈپ ، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزنىڭ روھى ۋە ئومۇمىي يىغىن ماقۇللىغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكى، ئومۇمىي تەلىپى، ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى ۋە مۇھىم تەدبىرلىرى قاتارلىق جەھەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئىگىلەپ، خەينەننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، جانلىق مىسال ۋە تەپسىلىي، ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق، پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك لېكسىيە سۆزلىدى ۋە ئۇنى چوڭقۇر ئىزاھلىدى.

مېڭ شياڭفېڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە، پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 21-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

دوكلات بېرىش يىغىنىدىن كېيىن، مېڭ شياڭفېڭ يەنە سەنيا شەھىرىنىڭ جىياڭ رايونى بوخوۋ كەنتىگە بېرىپ ھەمتۈرتكىلىك لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ شۇ جايدىكى پارتىيە ئەزالىرى، ئامما بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ