
گېزىتىمىز مۇخبىرى شى يىچى
پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «قارار»ىدا ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى دائىملىق تۈزەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
10-ئاينىڭ 22-كۈنى، جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپىرى غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇشى، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئۆزىنى يېڭىلىشى، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.
«خەلق ئاممىسى نېمىگە قارشى تۇرسا، نېمىدىن نەپرەتلەنسە، بىز شۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز ۋە ئۇنى قەتئىي تۈزىتىشىمىز كېرەك.» يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىغا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېنىدىلا، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.
تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئەسلىي مەقسىتى تاۋلىنىپ، پۇقرالار ھېس قىلىش، نەپكە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئوي-خىيالى، غەم-ئەندىشىسى، ئارزۇ-تىلەكلىرىگە لايىقلىشىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاش شەرت.»
ئېتىز قىرلىرىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسى ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ ئاساسىنى چىرىتىپ، دېھقانلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، باش شۇجى بۇنى باشتىن-ئاخىر كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى.
6-ئاينىڭ 24-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دېجوۋ شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر يىلى نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ قوللىدى، سۈپەتكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كەڭ دېھقانلارنى ھەقىقىي مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك.»
2024-يىلىدىن بۇيان، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش سىجىل، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلىدىغان ساھەلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىشانلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈم جەھەتتە كۆپرەك ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىشى، شەكىل جەھەتتە ئاز باش قاتۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.
«ناتوغرا ئىستىل بىزدىن قانچە يىراق بولسا، ئامما بىزگە شۇنچە يېقىنلىشىدۇ»، «يىراق» بىلەن «يېقىن»نىڭ دىيالېكتىكىلىق مۇناسىۋىتىگە سەمىمىي خەلقچىل ھېسسىيات مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى نامايان قىلىىنغان.
ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم كۆزلىنىپ، «ھەر بىر نۇقساننى بىر-بىرلەپ تۈزىتىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ «پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، بىرنى بايقىسا بىرنى تۈزەش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.
يېزا كوللېكتىپىنىڭ «ئۈچ خىل مۈلۈك»ىنى باشقۇرۇشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ تۈزەلدى؛ «مەكتەپ تامىقى»نى باشقۇرۇش مەسىلىسى كۈچلۈك تۈزەلدى؛ ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ساھەسىدىكى مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرتىپكە سېلىندى... مەسىلىلەر بىر-بىرلەپ ھەل قىلىنىپ، جاھىل كېسەللەر بىر-بىرلەپ ساقايتىلىدى، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىدىن باشلاپ تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى «ئۇششاق چىرىكلىك» ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى «توسالغۇ»لارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ تۈزىدى. ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان جەمئىي 6 مىليون 523 مىڭ مەسىلە تۈزىتىلدى.
ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنىڭ نۇقتىسى كۆپ، دائىرىسى كەڭ، ئاسان يۈز بېرىدىغان بولۇپ، جەزمەن مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق قايتا-قايتا تۈزەش شەرت.
باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى:«ئىستىل بىلەن چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‹ئىستىل›نىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىدىن ئۆتۈپ، ‹چىرىكلىك›نىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاش كېرەك.» ئىستىل جەھەتتىن چىرىكلىكنى تەكشۈرۈش، چىرىكلىك جەھەتتىن ئىستىلنى تۈزىتىشكە قوش يۆنىلىشلىك كۈچەش، ئوخشاش يۆنىلىشتە تۈزەشكە تۈرتكە بولغاندىلا، ئاندىن ئىستىل جەھەتتىن چىرىكلىشىشكە ئۆتۈشنىڭ يەتكۈزۈش زەنجىرىنى ئۈزۈۋەتكىلى بولىدۇ.
بىر تەرەپتىن، «تۆت خاھىش»نىڭ ئارقىسىدىكى گۇرۇھۋازلىق، ھاۋالىلىك ئىش بېجىرىش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، «شامال»نىڭ قاپقىقىنى ئېچىش ئارقىلىق «چىرىكلىشىش»نىڭ ھەقىقىي ئەپت-بەشىرىسىنى تېپىپ چىقىش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، چىرىكلىك دېلولىرىدا ئىنكاس قىلىنغان رايون خاراكتېرلىك، كەسىپ خاراكتېرلىك، ساھە خاراكتېرلىك ئىستىل جەھەتتىكى جاھىل كېسەللەرگە قارىتا، «ئوخشاش تۈزەش» ئارقىلىق تۆت خاھىش-چىرىكلىكنىڭ ئورتاقلىققا ئىگە مەنبەسىنى يوقىتىش كېرەك.
«تەكشۈرۈش» بىلەن «تۈزەش» تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئىستىلنىڭ چىرىكلىككە ئۆزگىرىپ كېتىشى توسۇلدى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئاساسىي قاتلامغىچە ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىلىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتى قوغدىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاممىۋى ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلاندى.
دائىم بوشاشماي تۇتۇش، بوشاشماي كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق تۈزەش خىزمىتى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى:«ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، بولۇپمۇ شەھەر، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى مۇھىم ۋەزىپە سۈپىتىدە دائىملىق تۇتۇشى كېرەك.»
بۇ يىل ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان يىل، تۈزۈم-مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنىڭ يۆنىلىش، نىشانلىرىنىڭ بىرى.
«تۈزۈم-مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، چىرىكلىك مەسىلىسى پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى يوقىتىشقا سىجىل كۈچەش، چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.» باش شۇجى ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىسىگە سولاشقا قارىتا يىراقنى كۆزلەپ پۇختا پىلان تۈزدى.
تۈزۈم ئارقىلىق ھوقۇقنى ئىدارە قىلىش، بەلگىلىمە بويىچە ھوقۇق يۈرگۈزۈش كېرەك. مەركەزلىك تۈزەشتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان شىددەتلىك ھۇجۇم بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇزاق ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشنى ئىستراتېگىيەلىك ئويلىشىپ، «نۆۋەتتە تۈزىتىش» بىلەن «ئۇزاققىچە تۇرغۇزۇش»نىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك «نۇقتا»دىن چىقىش قىلىپ، سىستېمىلىق تۈزەشنىڭ «دائىرىسى»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى يەكۈنلەش، مۇستەھكەملەشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
باش شۇجى شى جىنپىڭ «مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان ئادەم ۋە ئىشلارنى، ناتوغرا ئىستىل باش كۆتۈرگەن ھامان تېز تەكشۈرۈپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، تەكرار كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قايتا باش كۆتۈرۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك» دەپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى.
يېڭى مۇساپىدە، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ياراتقاندىلا، بىز جەزمەن باشتىن-ئاخىر پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ