
خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى قاتتىق بولۇشتا، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشتا ئىزچىل بولۇش، ئاخىرغىچە قاتتىق بولۇش شەرت.
پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، "ئومۇميۈزلۈك قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش جەزمەن ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم پىرىنسىپلارنىڭ بىرى قىلىندى، «قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش» «پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش» تەكىتلەندى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش - پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلىگەنلىكىنى گەۋدىلەندۈردى، پارتىيەمىزنىڭ قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتىكى سەگەكلىكى، قەتئىيلىكىنى نامايان قىلدى.
ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى»دا پارتىيە قۇرۇلۇشىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئۆلچىمى قاتتىق بولۇش، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش قاتتىق بولۇش، ناچار ئىستىل ۋە چىرىكلىك ھادىسىلىرىنى تۈزەش تەدبىرلىرى قاتتىق بولۇش، پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتتىق بولۇش تەلىپى مەھكەم ئىگىلىنىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلەر يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، بارغانسېرى قاتتىق بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت كۈچلۈك سىگنال ئېنىق بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن ئوبدان كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەك قويۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، ھەم قاتتىق بولۇش جايىدا بولۇش، چەك قويۇش جايىدا بولۇش، ھەم پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بىز ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كادىرلارنىڭ قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۇختا كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان خىزمەت نەتىجىلىرىنى يارىتىشىمىز كېرەك.
پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى چىڭىتىشتىن مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق ئىستىلنى تەرتىپكە سېلىشقىچە، يەنە پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقىچە... يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدىكى بىر مۇھىم تەجرىبە شۇكى، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق بولۇپ، قاتتىق رىتىم، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق كەيپىياتنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە نامايان قىلغانلىقتا.
پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا ئىلھام بېرىش ئىچكى بىردەكلىككە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «قاتتىق بولۇش كۆپچىلىكنى جانسىز باشقۇرۇپ، كىشىلەرنى ھەددىدىن زىيادە ئېھتىياتچان، دادىل ئىش قىلالمايدىغان، چۈشكۈن، ھېچبىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدىغان بۇرۇقتۇرما ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇش ئەمەس».
يېڭى دەۋردىن بۇيان، دەل پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارقىلىق يۆنىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، قائىدە تۇرغۇزۇلدى، توغرا كەيپىيات ئەۋج ئالدۇرۇلدى، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى كۈچەيتىلدى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ مەيدانىدا، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىدە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۆھپە قوشۇپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا پۈتۈن زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش داۋامىدا ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، سىياسىي نەتىجە يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى.
ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ كۈچلۈك تەدبىرى. ئومۇمىي يىغىندا قىلچە بوشاشماي ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى چۆرىدەپ «ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىش» «ئىنتىزامنىڭ تەربىيەلەش، چەك قويۇش، كاپالەتلەندۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى ئۇنىۋېرسال جارى قىلدۇرۇش» قاتارلىق بەش جەھەتتە كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇنىڭدىكى مەقسەت دەل قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇپ - پارتىيەنى ئىدارە قىلىپ، ياخشى ئوبراز ئارقىلىق قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن بىز ئومۇميۈزلۈك قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيمىز ۋە ئىگىلىيەلەيمىز.
بۇ يىل 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى 2026 - يىلى 9 - ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش بويىچە جەملەنگەن ئەھۋاللارنى ئېلان قىلدى. بۇ، ئايلىق سانلىق مەلۇماتنىڭ ئۇدا 157 ئاي ئاشكارا ئېلان قىلىنىشى. تىپىك دېلو مىساللىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ، مەسىلىلەر قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى «ئالتۇن رەڭلىك نام كارتىسى» بارغانسېرى جۇلالاندۇرۇلدى.
يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى تۈزۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق مەسىلىلەر يېشىلىپ، «مۈشكۈل، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا ئىشنى قەيەردىن قول سېلىپ باشلاشنى بىلەلمەسلىك» مەسىلىسى ھەل قىلىندى، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنىڭ يېپيېڭى تۈسكە كىرىشى، جەمئىيەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇندى. يەنە شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىش كېرەككى، ئىستىل مەسىلىسى جاھىل خاراكتېرگە ۋە تەكرارلىنىشچانلىققا ئىگە. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش داۋاملىشىدۇكى، ئاخىرلاشمايدۇ. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنىڭ كىشىلەرنى تەربىيەلەپ يېڭى كەيپىيات يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جەزمەن مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ دائىملىشىشى، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.
پارتىيەمىز ئىنقىلابىي غايە ۋە پولاتتەك ئىنتىزامغا تايىنىپ تەشكىللەنگەن ماركسىزملىق پارتىيە، ئىنتىزامدا قاتتىق بولۇش پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ ھەم تەربىيەلەش، چەكلەش ئىقتىدارى، ھەم كاپالەتلەندۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش رولى بار. پارتىيە ئىنتىزامى بىلەن ئىش قىلىش، نەتىجە يارىتىش ئىچكى بىردەكلىككە ئىگە.»
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيە شەكىللەندۈرۈلدى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار زېھنىنى يىغىپ ئىش قىلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم - كوتسىز تۇتتى؛ شەكىلۋازلىق سىجىل تۈزىتىلىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكى يېنىكلىتىلىپ، تۈگىمەس ھۆججەت ۋە ئۈزۈلمەس يىغىنلار ئازىيىپ، كۈتۈۋېلىش، ئۇزىتىشلار ئازىيىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى كۆزلەشكە تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى بار بولدى؛ يېقىن - پاك بولغان، بىرلىككە كەلگەن يېڭىچە ھۆكۈمەت خادىمى - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى يېتىلدۈرۈلۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار يەڭگىل جابدۇنۇپ ئاتلىنىپ پاكىز ئىش قىلدى... ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلغاندىلا، ئىش قىلىش، نەتىجە يارىتىشتا تولۇق ئەركىنلىك ۋە كەڭ بوشلۇققا ئىگە بولغىلى بولىدۇ.
پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. قاتتىق باشقۇرۇش - نازارەت قىلىش بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى يۈكسەك دەرىجىدە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەقىقىي باشقۇرۇش، ھەقىقىي قاتتىق بولۇشنى، دادىل باشقۇرۇش، دادىل قاتتىق بولۇشنى، ئۇزاققىچە باشقۇرۇش، ئۇزاققىچە قاتتىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، تېخىمۇ قۇدرەتلىك رەھبەرلىك كۈچىنى تاۋلاپ چىقىپ، تېخىمۇ كەڭ كۈرەش قىلىش كۈچىنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.
پارتىيەمىز − دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە. قاتتىق باشقۇرۇپ - قاتتىق ئىدارە قىلغاندىلا، ئاندىن چوڭ پارتىيەدە بولۇشقا تېگىشلىك سالاپەتنى ساقلاپ، پارتىيەمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ. پۈتۈن پارتىيە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇشى، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئۆزىنى يېڭىلىشى، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشىنى ئۈزلۈكسىز ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى ئورۇندىشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ