«ئەمەلىي ئىقتىسادنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىش كېرەك» (باش شۇجىنىڭ خەلقچىللىق ھېسسىياتى)

2026.11.04 15:25 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرىمىز سۇن جېن

بۇ يىل 10-ئايدا ئاشكارا ئېلان قىلىنغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى»دە:«ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئۇلىنى چىڭ ساقلاپ، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ قاتتىق ئەمەلىي كۈچىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:«مەيلى ئىقتىساد تەرەققىي قىلىپ قايسى ۋاقىتقا بارسۇن، ئەمەلىي ئىقتىساد دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، بىزنىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي رىقابەتتە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزنىڭ ئاساسى.» «ئەمەلىي ئىقتىسادنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىش كېرەك.»

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتى ۋە 20-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ بىردەك «ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇش»نى تەلەپ قىلدى؛ «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى پىلانلىغاندا، «ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئاساس قىلىش»نى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىدا قۇۋۋەت يېڭى بولۇشقا، قۇرۇلما ئەلالىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىپ، ئەمەلىي ئىقتىساد ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ئەلالاشتى، زورايدى.

ئەمەلىيەتچىللىك ۋە پۈتۈن زېھىن بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىش كېرەك.

«ئەمەلىي ئىقتىساد بىر دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ قەد كۆتۈرۈش ئاساسى، بايلىق يارىتىشنىڭ تۈپ مەنبەسى، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، گۈللىنىشىنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى:«بايلىق ئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا توپلىنىشى، سىياسەت-تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مايىللىشىشى، خىزمەت كۈچىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا قاراپ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.»

بۇنىڭ بىر ئۇچى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئومۇمىيىتىگە تۇتىشىدۇ، يەنە بىر ئۇچى پۇقرالارنىڭ كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، يۈرۈش-تۇرۇشىغا چېتىلىدۇ. بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق تەكىتلىدى:«بىر تەرەپمۇ، بىر ساھەمۇ كەم بولسا بولمايدۇ.»

كىچىكى «بىر جۈپ ئاياغ»، «بىر قۇر كىيىم»گىچە. باش شۇجى ئاساسىي كەسىپتە نەچچە ئون يىل يىلتىز تارتقان ئەنتانى «ئەمەلىي بولۇپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئوقەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش»قا رىغبەتلەندۈردى؛

چوڭى جابدۇق ياسىمىچىلىقى، چوڭ دۆلەت مۇھىم جابدۇقلىرىغىچە. باش شۇجى جۇڭچې چىچې گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا:«جابدۇق ياسىمىچىلىقى دۆلەتنىڭ مۇھىم قورالى، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى» دەپ تەكىتلىدى.

ئىرادىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي تۆھپە قوشۇش كېرەك. ئۇششاق تاۋارلار ئارقىلىق چوڭ بازار ئېچىشتىن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز تېخنىكىسى قاتارلىقلاردا ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىشقىچە، ياسىمىچىلىق «قاتتىق ئومۇرتقا» تىكلىدى.

ئىككى پارچە نەتىجە قەغىزى بۇنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ.

بىر پارچىسى «15-بەش يىل» باشلانغان يىلدىكى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «ئۈچ پەسىللىك دوكلاتى» بولۇپ، دۆلىتىمىز ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %25.7، يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %40 تىن ئاشتى.

يەنە بىرى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك سانلىق مەلۇماتى بولۇپ، دۆلىتىمىز ياسىمىچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممەت كۆلىمى ئۇدا 16 يىل يەر شارى بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى، بۇنىڭ «تۇراقلاشتۇرغۇچ»لۇق رولى گەۋدىلىك بولدى.

«15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، «جەزمەن شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

2023-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى قىزغىن تىلغا ئېلىپ:«ھەم خۇشال بولدۇم، ھەم ئەندىشە قىلدىم»، «خۇشال بولغىنىم، بىزنىڭ بۇ كەسپىمىز پۈتۈن دۇنيادا ئالدىدا ماڭدى؛ ئەندىشە قىلغىنىم، داغدۇغىسى بار ئۈنۈمى يوق بولۇپ قېلىشتىن، يەنى ئاۋۋال داغدۇغا بىلەن ئىش باشلاپ، ئاخىرىدا داغدۇغا بىلەن تارقىلىپ كېتىشتىن ئەنسىرىدىم» دېدى.

باش شۇجى مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، قايتا-قايتا مۇنداق تاپىلىدى:«ئەمەلىي ئىقتىساد ئىچىدىكى ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ»، «‹يېڭى ئۈچ مەھسۇلات›قىلا تىكىلىپ قېلىشقا بولمايدۇ»...شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ يەنە يولنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى:«جەزمەن يېڭى قۇۋۋەتنى يېتىلدۈرۈش بىلەن كونا قۇۋۋەتنى يېڭىلاشنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاش كېرەك.»

بىرتۇتاش پىلانلاشتا ئەۋزەللىكنى دەل جايىدا تېپىش، پەرقلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش مۇھىم.

ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە ئاددىيلا «چېكىندۈرۈپلا بولدى قىلىش» ئەمەس، «يېڭىلاش» بولدى: مەملىكەت بويىچە جەمئىي 13 مىڭدىن ئارتۇق ئىلغار دەرىجىلىك، 500 دىن ئارتۇق قالتىس دەرىجىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇت قۇرۇلۇپ، ھەرقايسىسى خاسلىققا ئىگە بولدى. قارىغۇلارچە «بەس-بەستە ئاتلىنىش» بولمىدى، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر مۇقىم ۋە ساغلام ھالدا «ئالدىدا ماڭدى»: ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە كۆلەمدىن يۇقىرى يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.3 ئاشتى.

قانۇنىيەتنى تونۇپ، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، قانۇنىيەتنى تەتبىقلاپ، ئەمەلىي ئىقتىساد تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسىنى پىلانلاش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەمەلىي ئىقتىسادتىن مەۋھۇم ئىقتىسادقا يۈزلىنىشكە بولمايدۇ» دېگەن سۆزىگە دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى، تارىخىي قانۇنىيەتكە بولغان چوڭقۇر كۆزىتىش مۇجەسسەملەنگەن، «دۆلىتىمىز بىر چوڭ دۆلەت، جەزمەن ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.»

ئەمەلىي ئىقتىسادتىن مەۋھۇم ئىقتىسادقا يۈزلىنىشتىن قانداق ساقلانغىلى بولىدۇ؟

مەۋقەنى دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، مىقدار ۋە سۈپەتنى ئىگىلەش −

2019-يىلى 9-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېنەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا «دۆلىتىمىزنىڭ ياسىمىچىلىقى ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ مىقدارى كۆپ بولۇشتىن سۈپىتى كۈچلۈك بولۇشقا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك» دېگەن سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىشى ئالدىدا، بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى:«ھازىر ئېشىۋاتقىنى قاتتىق ئەمەلىي كۈچ، ئىنتىلىدىغىنىمىز يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش.»

«15-بەش يىل»دا ئىش باشلانغان چوڭ-چوڭ 109 قۇرۇلۇش تۈرى ئىچىدە، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان 28 تۈر بار. «مىقدارى كۆپ بولۇشتىن سۈپىتى كۈچلۈك بولۇشقا ئۆتۈپ» ئەمەلىي ئىقتىساد پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلدى.

تارىخىي قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىپ، قىسقا بىلەن ئۇزاققا تەڭ ئېتىبار بېرىش −

2018 -يىللىق مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى ياسىمىچىلىقنىڭ ئىقتىسادتا ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ زىيادە تېز تۆۋەنلەش مەسىلىسىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بېرىپ «جەزمەن يۈكسەك دەرىجىدە دىققەت قىلىش كېرەك» دېدى. باش شۇجى يىراق كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانىدىن چىقىش قىلىپ، «ياسىمىچىلىقنىڭ مۇۋاپىق نىسبىتىنى ساقلاش»نى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى.

ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىغا قايتا نەزەر سالساق، «چەت ئەل سەرەڭگىسى، چەت ئەل سوپۇنى، چەت ئەل تۆمۈرى قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىشقا تايىنىش»تىن «سانائەت تۈرلىرى ئەڭ تولۇق بولغان، دۇنيا ياسىمىچىلىقىدىكى بىرىنچى چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىش»قىچە، بىز مەۋقەنى يىراق كەلگۈسىگە قويۇپ، ھازىر ئىشلەپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئوقەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشقا تاياندۇق.

قانۇنىيەت بويىچە ئىش كۆرۈپ، چوڭ ۋەزىيەتكە تايىنىش كېرەك. ئەمەلىي ئىقتىسادقا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەن جۇڭگو ئىقتىسادىمۇ ئەمەلىي ئىقتىسادقا تايىنىپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ