
جەمئىيەتتىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى كەڭ دائىرىدە توپلاپ ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى يېقىندا 2027-يىللىق ئارمىيەگە مەمۇرىي خادىملارنى ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ قانات يايدۇردى.
ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 2026-يىل 11-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 8:00 دىن 9-كۈنى سائەت 18:00گىچە بولغان مەزگىلدە، ئارمىيە ئىختىساسلىقلار تورىغا چىقىپ تىزىملاتسا بولىدۇ. پۈتۈن ئارمىيەنىڭ بىرتۇتاش يېزىقچە ئىمتىھانى 2026-يىل 12-ئاينىڭ 13-كۈنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، ئۆلكە مەركىزى شەھەرلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزىي شەھەرلىرى ۋە باشقا قىسمەن شەھەرلەردە بىرلا ۋاقىتتا ئېلىنىدۇ. پىلاندىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، 2027-يىل 5-ئايدىن باشلاپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، قوبۇل قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. بۇ قېتىمقى ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىشتا، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش، مەمۇرىي خادىملار قوشۇنىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆزدە تۇتۇلۇپ، سىياسىي ئۆتكەل قاتتىق ئىگىلىنىپ، ئەلالىرىنى تاللاش يۆنىلىشى تۇرغۇزۇلۇپ، ئادىل، ھەققانىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، تۈزۈم ـ مېخانىزم مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، قوبۇل قىلىش ئۈنۈمى سىجىل ئۆستۈرۈلدۇ. مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مەمۇرىي خادىملارغا مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ياخشى ئىمتىھان تەرتىپىنى ئورتاق قوغداپ، ئاشكارا، ئادىل، قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك ئىمتىھان مۇھىتى يارىتىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ