
بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى مەملىكەت بويىچە خاتىرجەم ئىستېمال قىلىش سۇپىسىنى قۇردى («消费查» ئەپچىقىنى ئىزدەپ تىزىملىتىشقا بولىدۇ)، 3-چېسلا توردا رەسمىي ئېلان قىلدى.

بۇ سۇپا «مەملىكەت بويىچە خاتىرجەم ئىستېمال قىلىش بۆلىكى ۋە توپلاشقان رايونلارنى يېتىشتۈرۈش كۆرسەتمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نىڭ خاتىرجەم ئىستېمال قىلىشنى يېتىشتۈرۈش پۈتۈن جەريانىنى توپلاشتۇرغان. سودىگەرلەر سۇپىدا رويخەتكە ئالدۇرۇپ، توردا ۋەدە بېرىپ ھەمدە تەكشۈرۈلۈپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خاتىرجەم ئىستېمال قىلىش ۋەدىسىگە قاتناشسا بولىدۇ.

بۇ سۇپا سودىگەرلەرگە "بىر دۇكانغا بىر كود" بولغان خاتىرجەم ئىستېمال قىلىش كودى ۋە مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن خاتىرجەم ئىستېمال قىلىش بەلگىسىنى چىقىرىپ بېرىپ، سودىگەرلەرنى تىجارەت سورۇنلىرىدا كەڭ تەشۋىق قىلىپ، تېخىمۇ ئەلا ۋەدە ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالغا تۈرتكە بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ