سوغۇقتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىڭ! 11-ئايدا سوغۇق ھاۋا ئېقىمى دۆلىتىمىزگە تۆت قېتىم تەسىر كۆرسىتىدۇ

2026.11.04 13:58 مەنبە: خەلق تورى

بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 11-ئايدىكى كىلىمات يۈزلىنىشىنى مۆلچەرلىدى. مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 11-ئايدا سوغۇق ھاۋا ئېقىمى دۆلىتىمىزگە تۆت قېتىم تەسىر كۆرسىتىدىكەن، يۈز بېرىش قېتىم سانى ئادەتتىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلى (4.47 قېتىم)گە يېقىنلىشىدىكەن؛ سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى "ئاۋۋال كۈچلۈك، كېيىن ئاجىز" بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، كەلگۈسى ئىككى ھەپتىدە ئىككى قېتىم سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆرۈلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە:

5-چېسلادىن 7-چېسلاغىچە سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، ئىچكى موڭغۇل، شەرقىي شىمال رايونى، شىمالىي جۇڭگودىن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغىچە بولغان جايلاردا شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ تېمپېراتۇرا ℃ 4 ~ ℃ 8 قىچە تۆۋەنلەيدىكەن، قىسمەن جايلاردا تېمپېراتۇرانىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى ℃ 10 تىن ئېشىپ كېتىدىكەن؛

12-چېسلادىن 16-چېسلاغىچە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ئاساسلىقى شىنجاڭ، غەربىي شىمال رايونى، شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي شىمال ۋە خۇاڭخې، خۇەيخې دەريا ۋادىلىرى قاتارلىق جايلارغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

11-ئايدا شىمالدىكى رايونلاردا سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ھەرىكىتى باسقۇچ خاراكتېرلىك كۈچلۈك بولۇپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك تۆۋەن تېمپېراتۇرا، بوران ۋە ئۈششۈك قاتارلىق مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت خەۋپى مەۋجۇت ئىكەن؛ شىمالىي جۇڭگو، ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىي قىسمى ۋە شەرقىي شىمال قىسمى، غەربىي شىمال رايونىنىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسمى، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، شىزاڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا ھۆل-يېغىن ئادەتتىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن كۆپرەك بولۇپ، بىر قەدەر كۈچلۈك باسقۇچلۇق قار-يامغۇر ئاپىتى خەۋپى مەۋجۇت ئىكەن. ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ۋە چارۋىچىلىقتا سوغۇقتىن ساقلىنىش، ئىسسىق ساقلاش، شامالغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلەشنى تەۋسىيە قىلىمىز؛ قاتناش، ئېنېرگىيە ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تارماقلىرى تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق قار-يامغۇر ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ