
مۇخبىر 3-چېسلا سىچۈەن چېڭدۇدا ئۆتكۈزۈلگەن 2026-يىللىق يەر شارى مۈشۈكئېيىق ھەمراھلىرى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغىچە دۆلىتىمىزدە مۈشۈكئېيىقنىڭ بېقىلىش تۈر توپى 830 غا يەتكەن بولۇپ، تۈر توپىنىڭ ئىرسىيەت كۆپ خىللىقى ئۈزلۈكسىز ئاشقان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېكولوگىيە كارىدورى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق 13 مۈشۈكئېيىق رايونلۇق تۈر توپى مۈشۈكئېيىق چوڭ ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەن، ياشاش مۇھىتىنىڭ باغلىنىشچانلىقى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، كارىدور رايونىدا 150 قېتىمدىن ئارتۇق مۈشۈكئېيىق ۋە باشقا تۈرلەرنىڭ پائالىيىتى ئۆلچەنگەن، مۈشۈكئېيىقنىڭ "ئۆي ئارىلاش"، "جۈپلىشىش"ى نورمال ھالەتكە ئايلانغان. مۈشۈكئېيىق دۆلىتىمىزگىلا خاس بايراقدار تۈر، شۇنداقلا دۇنيا جانلىقلار كۆپ خىللىقىنى قوغداشتىكى چولپان تۈر. ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، دۇنيا بويىچە مۈشۈكئېيىقنى تاماشا قىلغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى جەمئىي 1 مىليارد ئادەم قېتىمدىن ئاشقان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ