بىرلىكتە "يېڭى"غا ياردەم بېرىش تۈرى يولغا قويۇلدى، شىنجاڭدىكى قىيىنچىلىقى بار يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ

2026.11.03 15:34 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى فوند جەمئىيىتى كونكرېت يولغا قويغان "بىرلىكتە 'يېڭى'غا ياردەم بېرىش" بويىچە قىيىنچىلىقى بار يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلاشقان ئاممىغا غەمخورلۇق ياردىمى بېرىش پىدائىيلار مۇلازىمىتى تۈرى رەسمىي يولغا قويۇلدى. بۇ تۈردە "پىدائىيلار مۇلازىمىتى + مەبلەغ ياردىمى" قوش غەمخورلۇق ئەندىزىسى ئىجادىي يولغا قويۇلۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدا خىزمەت جەريانىدا ئېغىر دەرىجىدە تاسادىپىي زەخىملەنگەن ياكى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان قىيىنچىلىقى بار يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەرگە دەل جايىدا ياردەم بېرىش ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، غەمخورلۇق قىلىش مەقسەت قىلىنىدۇ.

تۈرگە ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى 2026-يىل 10-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە. شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ ئاي ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان، خىزمەت جەريانىدا ئېغىر دەرىجىدە تاسادىپىي زەخىملەنگەن ياكى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى، تور تاكسى شوپۇرلىرى، تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەر، توردا كېلىشىپ مال يەتكۈزگۈچىلەر قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەر غەمخورلۇق ياردىمى بېرىش ئوبيېكتى قىلىنىدۇ.

غەمخورلۇق ياردىمى بېرىش مەزمۇنى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەمخورلۇق ياردىمى ۋە مەبلەغ ياردىمىدىن ئىبارەت ئىككى جەھەتكە بۆلۈنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەمخورلۇق ياردىمى تۇرمۇش ياردىمى، داۋالاش-ساغلاملىق، ئائىلە غەمخورلۇقى، پىسخىكىلىق غەمخورلۇق، ھوقۇق قوغداش غەمخورلۇقى، كەسپىي ئىقتىدار ئاشۇرۇش قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك ئىنچىكىلەشكەن ئىللىقلىق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچى ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ ئىلتىماس قىلسا، شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن ئىلتىماس قىلغۇچىلار كىشى بېشىغا 2000 يۈەندىن ئاشمايدىغان ئۆلچەمدە پىدائىيلار مۇلازىمىتى، غەمخورلۇق ياردىمى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ؛ مەبلەغ ياردىمى ئۆلچىمى كىشى بېشىغا 1000 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە بولۇپ، شەخس ئىلتىماس قىلىش، تۇرۇشلۇق جايدىكى يېزا-بازار (كوچا باشقارمىسى) دەسلەپكى تەكشۈرۈش، ناھىيە-شەھەر-رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى قايتا تەكشۈرۈش، ۋىلايەت-ئوبلاست-شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى قايتا تەكشۈرۈپ بېكىتىش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى تەستىقلاش تەرتىپى بويىچە يولغا قويۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ