شىنجاڭ 2-تېببىي شۆيۈەنى يېڭى شۆيۈەن قۇردى

2026.11.03 15:32 مەنبە: خەلق تورى

11-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ 2-تېببىي شۆيۈەنىنىڭ تېبابەت-ئىنژېنېرىيە رەقەملىك تەسۋىر كەسىپ شۆيۈەنى قۇرۇلدى.

بۇ كەسىپ شۆيۈەنىنى شىنجاڭ 2-تېببىي شۆيۈەنى بىلەن نەنجىڭ ئەييىڭ پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە قۇرغان بولۇپ، مەكتەپنىڭ پەن-مائارىپنى يۇغۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى ماسلاشتۇرۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتى، شۇنداقلا مەكتەپنىڭ تېببىي مېتا كائىنات، داۋالاش سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارى قاتارلىق يېڭى كەسىپلەرگە قۇچاق ئېچىپ، تېبابەت-سۈنئىي ئەقىل بويىچە گىرەلەشمە ئادەم تەربىيەلەشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىكى مۇھىم تەدبىرلىرىنىڭ بىرى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ