بېيجىڭ: ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزەينەك سېتىۋالسا %15 تولۇقلىما بېرىلىدۇ، ئەڭ يۇقىرىسى 500 يۈەن

2026.11.03 15:32 مەنبە: خەلق تورى

بېيجىڭ شەھەرلىك سودا ئىشلىرى ئىدارىسى يېقىندا «ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزەينەك ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەت كۆرسەتمىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، يەتتە تۈرلۈك قوللاش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، يېڭىسىنى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى، تۇنجى دۇكاندا تۇنجى سېتىش، ماركا بىرلەشمىسى، خەلقئارالاشقان ئىستېمال كۆرۈنۈشى، چېگرادىن ئايرىلىش بېجىنى قايتۇرۇش، رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىشتىن خەلقئارا بازار ئېچىشقىچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزەينەك ئىستېمالىنى پۈتۈن زەنجىرلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىدۇ. كۆرسەتمىدە «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 2026-يىللىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش، رەقەملىك ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»گە ئاساسەن، شەرتكە ئۇيغۇن ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزەينەك مەھسۇلاتىنى سېتىۋالغاندا، ھەرقايسى ھالقىلاردىكى ئېتىبارلارنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى ئەڭ ئاخىرقى سېتىش باھاسىنىڭ %15ى بويىچە ياردەم پۇلى بېرىلىپ، ھەر بىرىگە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 500 يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ