
مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئىگىلىشىچە، پوچتا-ئامانەت بانكىسىنىڭ ئورگان App سىدا چوڭ سوممىلىق ئامانەت تالونى مەھسۇلاتىنىڭ رەسمىي بازارغا سېلىنشىغا ئەگىشىپ، ئالتە چوڭ بانكىنىڭ چوڭ سوممىلىق ئامانەت تالونى تارقىتىشى پۈتۈنلەي قايتا باشلىنىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، پوچتا-ئامانەت بانكىسى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈچ ئايلىق ۋە ئالتە ئايلىق جەمئىي ئۈچ خىل چوڭ سوممىلىق ئامانەت تالونى مەھسۇلاتىنى بازارغا سالغان بولۇپ، ھەممىسى 200 مىڭ يۈەندىن باشلاپ سېتىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىككى خىل ئالتە ئايلىق مەھسۇلاتنىڭ يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى %1.05 بولۇپ، ئۆتۈنۈپ بەرگىلى بولىدىكەن؛ بىر خىل ئۈچ ئايلىق مەھسۇلاتنىڭ يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى %0.85 بولۇپ، ئۆتۈنۈپ بەرگىلى بولمايدىكەن. يۇقىرىقى چوڭ سوممىلىق ئامانەت تالونىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى مەزكۇر بانكىنىڭ ئوخشاش مۇددەتلىك تۇراقلىق ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى ئىكەن.
بۇنىڭدىن بۇرۇن، 7-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭگو بانكىسى 2026-يىللىق 1-قارارلىق شەخسىي چوڭ سوممىلىق ئامانەت تالونىنى يولغا قويۇپ، بىر ئايدىن بەش يىلغىچە بولغان ھەر قايسى مۇددەتلەرنى قاپلىغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، يېزا ئىگىلىك بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى، سودا-سانائەت بانكىسى، قاتناش بانكىسى قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن چوڭ سوممىلىق ئامانەت تالونىنى بازارغا سالغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ