
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ، نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش - پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا دۇچ كېلىدىغان ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى تەھلىل قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك قارار چىقاردى.
1. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكى ۋە ئومۇمىي تەلىپى
(1) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلق ئۈچۈن بارلىققا كەلدى، خەلققە تايىنىپ گۈللەندى، جۇڭخۇا مىللىتى ھالاكەت گىردابىدا قالغان پەيتتە قۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان تارىخىي مۇساپىدە تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق تارىخىي داستاننى پۈتۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتقان، مۇستەھكەم، كۈچلۈك ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ ئوبرازىنى دۇنياغا نامايان قىلدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ غەلىبىسېرى ئىلگىرىلىيەلىگەنلىكى كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا ئىرادە باغلاپ، جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللەردە پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دادىللىق بىلەن ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقنى تۈزىتىپ، ئۆز كۈچىگە ۋە خەلقنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز قۇدرەت تېپىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ قۇدرەتلىك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلانغانلىقىدىن بولدى. ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات داۋامىدا، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش دەپ بىلىپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تىنچلىقتىن قالايمىقانلىشىپ - گۈللىنىشتىن خارابلىشىپ كېتىدىغان تارىخىي دەۋرىيلىكتىن قۇتۇلۇشنىڭ «ھۆكۈمەتنى خەلققە نازارەت قىلدۇرۇش» ۋە «ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش»تىن ئىبارەت ئىككى جاۋابىنى تېپىپ چىقتى، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خاس ئىجادىيىتى بولۇپ، ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تارىخ سەھىپىسىگە مەڭگۈ پۈتۈلىدۇ.
(2) پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، بىرمەھەل كۆرۈلگەن پارتىيە رەھبەرلىكى ئاجىزلىشىش، مەۋھۇملىشىش، سۇسلىشىش، پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش قاتتىق بولماسلىق، ئەمەلىي بولماسلىق، كۈچلۈك بولماسلىق، پارتىيە ئىچىدىكى بەزى مەسىلىلەر كىشىنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىگە يېتىشتىن ئىبارەت كەسكىن رېئاللىققا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، قەتئىي ئېغىشماي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، پىچاق بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ، قالايمىقانچىلىقنى قاتتىق قانۇن ئارقىلىق تۈزەپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى سىجىل ھەل قىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا كەڭ، بوش، يۇمشاق بولۇش ئەھۋالىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى، ئۇزاقتىن بۇيان توسۇلمىغان بەزى ناتوغرا ئىستىللارنى توسۇپ، كۆپ يىللاردىن بېرى يوقىتىلمىغان بەزى جاھىل ئىللەتلەرنى تۈزەپ، پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدا ساقلىنىۋاتقان ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگەتتى، پارتىيەمىز ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى ۋە كۈچەيدى. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، پارتىيە رايى، ئارمىيە رايى، خەلق رايى يۈكسەك دەرىجىدە مۇجەسسەملەندى؛ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشتە يېڭى ھالقىش ئىشقا ئېشىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشى سىجىل چوڭقۇرلىشىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ماركسىزم سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستى؛ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنىڭ ئىزچىللىشىشى كۈچلۈك بولۇپ، پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ساپاسى ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي ئەۋزەللىكى تولۇق نامايان بولدى؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىدىن ئىبارەت پولاتتەك ئىنتىزام سۈر - ھەيۋىسىنى كۆرسىتىپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزەش، يېڭى ئىستىل تۇرغۇزۇش قەدەممۇقەدەم چوڭقۇرلىشىپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى ۋە جەمئىيەت كەيپىياتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى؛ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشى پۇختا ئالغا سىلجىپ، ئىنتىزام - قائىدىلەر تېخىمۇ چىڭىپ، تەربىيەلەش، چەك قويۇش، كاپالەتلەندۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش رولى كۈنسېرى كۈچەيدى؛ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ سالمىقى مىسلىسىز، ئۈنۈمى ھەممىگە ئايان بولۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە يولى مۇۋەپپەقىيەتلىك تېپىپ چىقىلدى؛ پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام، تۈزۈم سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، تۈزۈمنىڭ نوپۇزى ۋە ئىجرا كۈچى ھەقىقىي كۈچىيىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئىلمىيلىشىش، تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى؛ پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش ئېڭى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ھەرىكەت ۋە ئۈنۈم كۆرۈلۈپ، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان بىرىكمە كۈچ شەكىللەندى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش يۈز يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كېلىشى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھاسىل بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلق پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈردى.
يېڭى دەۋردە پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش - پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كېلىشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېپيېڭى ۋەزىيەتنىڭ يارىتىلىشى تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلغانلىقىدىن بولدى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى تىكلەش، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچى ئورنىنى تىكلەش − پارتىيەمىز يېڭى دەۋردە قولغا كەلتۈرگەن زور سىياسىي نەتىجە، ئۇ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە.
يېڭى دەۋردە پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش - پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قانداق ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش كېرەك، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق پارتىيەنى قانداق قۇرۇش كېرەك دېگەن زور دەۋر تېمىلىرىنى چۆرىدەپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. بۇ ئىدىيە ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى، ئۇ − ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتقانلىقنىڭ زور نەتىجىسى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىيەت تەجرىبىسى ۋە كوللېكتىپ ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى تۈپ قوللانمىغا ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسىگە ئىگە قىلدى.
(3) پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. ئۇزاق مۇددەت تىرىشىش، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردە قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى تېخىمۇ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىگە تايىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرىدىغان بولدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇلۇشى تېخىمۇ مۇستەھكەم ماددىي ئاساسقا، تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتىگە، تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچكە ئىگە بولدى، پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش - پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ مۇجەسسەملىنىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا نۇرغۇن پايدىلىق شارائىت ھازىرلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى، پارتىيە ئەھۋالىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇشىغا ئەگىشىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشمۇ نۇرغۇن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىگە دۇچ كەلدى.
خەلقئارادىن قارىغاندا، دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز راۋاجلىنىۋاتىدۇ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىدە تېز بۆسۈش ھاسىل بولۇۋاتىدۇ، يەرشارىنىڭ جەنۇبى كوللېكتىپ قەد كۆتۈرۈۋاتىدۇ، خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسى چوڭقۇر تەڭشىلىۋاتىدۇ، يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق كۈچىيىۋاتىدۇ، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىنىڭ تەھدىتى ئېشىۋاتىدۇ، دىيۈەنلىك توقۇنۇش ۋە دائىرىلىك ئۇرۇش ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش قۇۋۋىتى يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ، دۇنياۋى خىرىسلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىرىپ، تاشقى مۇھىتتا ئېنىقسىز، مۆلچەرلەش قىيىن ئامىللار كۆپىيىۋاتىدۇ. پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ۋەزىپىسى تېخىمۇ مۈشكۈللىشىۋاتىدۇ.
دۆلەت ئىچىدىن قارىغاندا، دۆلىتىمىز تەرەققىياتى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى ھېلىھەم گەۋدىلىك بولۇپ، نوپۇس قۇرۇلمىسى، ئىجتىمائىي توپ، مەنپەئەت ئەندىزىسى قاتارلىقلار سىجىل ئۆزگىرىۋاتىدۇ، رەقەملىشىش، تورلىشىش، ئەقلىيلىشىش تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، جەمئىيەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە تەشكىلىي شەكلى تېخىمۇ كۆپ خىللىشىۋاتىدۇ، ھەر خىل ئىدىيە ۋە قىممەت قارىشى گىرەلىشىۋاتىدۇ، ئۇچرىشىۋاتىدۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى ۋە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش ئويلىشىش، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ۋە كۈچەيتىش قاتارلىقلار بىرمۇنچە يېڭى تېمىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىسلاھات - تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ۋەزىپىسى تېخىمۇ مۈشكۈللىشىۋاتىدۇ.
پارتىيە ئىچىدىن قارىغاندا، پارتىيە قوشۇنىدا قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتىن كېيىن تۇغۇلغان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ نىسبىتى بارغانسېرى ئېشىپ، تەربىيەلەش، باشقۇرۇشقا يېڭى تەلەپلەرنى قويۇۋاتىدۇ. پارتىيە قوشۇنىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى ياخشى، بىراق ئىدىيە ساپ بولماسلىق، تەشكىل ساپ بولماسلىق، ئىستىل ساپ بولماسلىق مەسىلىلىرى تېخى تۈپتىن ھەل بولغىنى يوق. قىسمەن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ساپاسى ۋە ئىقتىدارى دەۋر تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشالمايۋاتىدۇ. ئاز ساندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ، جۈملىدىن ئاز ساندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ پارتىيەۋىلىكى كۈچلۈك بولمايۋاتىدۇ، غايە - ئېتىقادى تەۋرىنىپ قېلىۋاتىدۇ، ھەتتا كەمچىل بولۇۋاتىدۇ، ئاممىغا بولغان مۇھەببىتى سۇسلىشىپ، سىياسىي نەتىجە قارىشىدا ئېغىش كۆرۈلۈۋاتىدۇ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ھەشەمەتچىلىك خاھىشى ئېغىرلىشىپ، كۈرەش قىلىش روھى يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالمايۋاتىدۇ، قىلىدىغاننى قىلمايۋاتىدۇ، ئىنتىزام - قائىدىگە رىئايە قىلمايۋاتىدۇ، ھەتتا ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىۋاتىدۇ، چىرىكلىشىپ، چۈشكۈنلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. بىر قىسىم ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي فۇنكسىيەسى ۋە تەشكىلىي فۇنكسىيەسى كۈچلۈك بولمايۋاتىدۇ، ھەتتا ئاجىز، چېچىلاڭغۇ بولۇۋاتىدۇ، پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە خىزمىتىنىڭ بەزى ساھەلەرنى، بولۇپمۇ يېڭى گۈللىنىۋاتقان ساھەلەرنى قاپلىشى ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك بولمايۋاتىدۇ. بەزى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش تونۇشى جايىدا بولمايۋاتىدۇ، مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەيۋاتىدۇ، خىزمەتكە كۈچىمەيۋاتىدۇ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشى قاتتىق بولمايۋاتىدۇ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقىيالمايۋاتىدۇ ۋە ئۈنۈملۈك ھەل قىلالمايۋاتىدۇ، ھەتتا ناتوغرا ئىستىل، ناچار كەيپىياتنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە يامراپ كېتىشىگە يول قويۇۋاتىدۇ. پارتىيەمىزنىڭ ئىلغارلىق ۋە پاكلىقنى ساقلاش ۋەزىپىسى تېخىمۇ مۈشكۈللىشىۋاتىدۇ.
بۇ يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىغا، رەھبەرلىك سەۋىيەسىگە، قوشۇننىڭ ساپاسىغا، چىرىكلىشىش - ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا زور خىرىس ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ، پارتىيەمىز دۇچ كەلگەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىنىقى، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش سىنىقى، بازار ئىگىلىكى سىنىقى، تاشقى مۇھىت سىنىقى ۋە روھىي بوشاڭلىق خەۋپى، ئىقتىدار يېتەرسىزلىك خەۋپى، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى، پاسسىپلىق - چىرىكلىك خەۋپى ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، كەسكىن بولۇپ، چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتا تېخىمۇ جاپالىق تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ. قانچە ئۇزاق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنسېرى، قانچە تىنچ ئۆتكەنسېرى، مۇھىت قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى كۈلپەت ئېڭىنى شۇنچە كۈچەيتىپ، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ - خەتەرنى شۇنچە ئويلاپ، پارتىيەنى ياخشى قۇرۇش، قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇش كېرەك.
پۈتۈن پارتىيە پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ياخشى داۋاملاشتۇرۇپ، ياخشى تەتبىقلاپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى تۈزەپ، ياخشى ھەل قىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا شەكىللەندۈرگەن ياخشى سىياسىي ۋەزىيەتنى ياخشى مۇستەھكەملىشى، ياخشى راۋاجلاندۇرۇشى شەرت.
(4) پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى: ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ بۇرچ - ۋەزىپىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى نېگىز قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئاۋانگارت ئەترەتلىك خاراكتېرىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاش، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاشنى كۆزدە تۇتۇپ، قاتتىق بولۇش رىتىمىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇشى، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئۆزىنى يېڭىلىشى، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشىنى ئۈزلۈكسىز ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىدىيەۋى يېتەكلەش ئىقتىدارى، ئاممىنى تەشكىللەش ئىقتىدارى، ئىجتىمائىي چاقىرىق ئىقتىدارىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىدىغان، ھەر خىل بوران - چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولغان ماركسىزملىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بولۇشىغا، باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇدرەتلىك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش.
(5) پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشتا تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش كېرەك.
− بۇرچ ۋە ۋەزىپە ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئومۇملۇقىدىن پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش.
− پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى قۇرۇلۇشىدا سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەش، سىياسىي تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ سىياسىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى مۇستەھكەملەش.
− ئومۇميۈزلۈك قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش. سىستېمىلىق قاراشنى كۈچەيتىپ، قاتتىق رىتىم، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق كەيپىياتنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتكۈل جەريانىدا نامايان قىلىپ، ھەقىقىي باشقۇرۇش، ھەقىقىي قاتتىق بولۇشنى، دادىل باشقۇرۇش، دادىل قاتتىق بولۇشنى، ئۇزاققىچە باشقۇرۇش، ئۇزاققىچە قاتتىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش.
− مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش. پارتىيە ئىچىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، زىددىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرماي، كېسەلنى يوشۇرماي، داۋالىنىشتىن باش تارتماي، ئېغىشنى تۈزىتىپ قالايمىقانچىلىقنى تۈزەش، يامانغا لەنەت، ياخشىغا مەدھىيە ئوقۇش داۋامىدا خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش.
− توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش. پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزملىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن يېڭى تەدبىر، يېڭى چارىلەرنى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا قويۇش.
− يۇقىرى تۆۋەننى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇش. ئىشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىن باشلاپ، رەھبىرىي ئورگانلار ۋە رەھبىرىي كادىرلاردىن باشلاپ چىڭىتىپ، دەرىجىمۇدەرىجە ئۈلگە كۆرسىتىپ، دەرىجىمۇدەرىجە يېتەكلەپ، «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار» ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق «مۇتلەق كۆپ سانلىقلار»غا تۈرتكە بولۇش.
− پارتىيەنى قائىدە - نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈپ، ھوقۇقنى، ئىشنى، ئادەمنى تۈزۈم ئارقىلىق باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي - قېلىپلاشقان، يۈرۈشۈشى ئۈنۈملۈك بولغان پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام، تۈزۈم سىستېمىسى ئارقىلىق خىزمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش.
بۇ پىرىنسىپلار يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنىڭ ئىلمىي يەكۈنى، ئۇلاردا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ھەم ئۇلارنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش، راۋاجلاندۇرۇش شەرت.
2. كوممۇنىستلارنىڭ پارتىيەۋىلىكىنى كۈچەيتىش
پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش − پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى. بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئېڭى، پارتىيە ئەزاسىلىق ئېڭى، ئاۋانگارت ئەترەتلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىشنى ئۆمۈرلۈك تېما قىلىپ، غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىش، پارتىيەگە بولغان سادىقلىقىنى مۇستەھكەملەش، خەلقنى كۆزلەش ھېسسىياتىنى چىڭىتىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇش، ئەخلاق - پەزىلىتىنى ساپلاشتۇرۇش، پاك - دۇرۇسلۇقىنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەرگە كۈچ سەرپ قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلىشىغا تۈرتكە بولۇش شەرت.
(1) پارتىيەگە سادىق بولۇش تەربىيەسىنى كۈچەيتىش. پارتىيەگە سادىق بولۇشنى پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشتىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، توغرىلىنىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن - ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ماركسىزمغا بولغان ئېتىقادى، كوممۇنىزمغا بولغان ئەقىدىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ساداقەتمەن ھەم قەتئىي بولۇش، چوڭقۇر ئىشىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەسىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەر توغرىسىدىكى تەھلىلى ۋە ھۆكۈمى ئاساسىدا ئاڭلىق بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئىنكار قىلىدىغان بارلىق سۆز - ھەرىكەتلەرگە، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىگە خىلاپ بارلىق سۆز - ھەرىكەتلەرگە، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق سۆز - ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيەنى سۆيۈش، پارتىيەنىڭ مەيدانىدا تۇرۇش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، پارتىيەنىڭ ئىشلىرىنى كۆزلەش جەھەتتىن، تەشكىلگە ئىشىنىش، تەشكىلگە تايىنىش، تەشكىلگە بويسۇنۇش، تەشكىلنىڭ باشقۇرۇشى ۋە نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش جەھەتتىن، سەمىمىي گەپ قىلىش، سەمىمىي ئىش قىلىش، سەمىمىي ئادەم بولۇش، كۆڭلى - كۆكسى كەڭ، ئوچۇق - يورۇق، سۆز - ھەرىكىتى بىردەك بولۇش جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، كەسىپنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىپ، ئىش ئورنىنى سۆيۈش، كەسىپنى قەدىرلەش، چىن كۆڭلىدىن ئۆزىنى بېغىشلاش جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.
پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇش كېرەك. يېقىنلىرىنىلا ئىشقا قويۇپ، باشقىچە پىكىردىكىلەرنى چەتكە قېقىش، گۇماشتا توپلاپ، گۇرۇھۋازلىق قىلىش، نامسىز خەت يېزىپ قارا چاپلاپ، پىتنە - ئىغۋا توقۇش، باشقىلارنى ئۆزىگە تارتىپ، سايلامدا ئاۋاز توپلاش، ئەمەل بېرىشنى ۋەدە قىلىپ، ئەمىلىگە تايىنىپ يېقىن - يورۇقلىرىنى قانات ئاستىغا ئېلىش، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، كۆرۈنۈشتە ئەمەل قىلغاندەك بولۇۋېلىپ ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىش، ئۆزىچە يوغىناپ كېتىپ، مەركەز ئۈستىدە ئاغزىغا كەلگىنىچە بىلجىرلاش قاتارلىق «يەتتە خىل قىلمىش» بىلەن شۇغۇللىنىشقا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك. ئىدىيە جەھەتتىكى لىبېرالىزملىق، سىياسىي جەھەتتىكى پۇرسەتپەرەسلىك، تەشكىلىي جەھەتتىكى مەزھەپچىلىك، خىزمەت جەھەتتىكى تار مەھكىمىچىلىك، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش جەھەتتىكى ياخشىچاقلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى توغرا پەرقلەندۈرۈش، قەتئىي يوقىتىش كېرەك.
(2) پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇش. ماركسىزملىق ئۆگىنىشچان سىياسىي پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، تەتبىقلاشنى پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىشنىڭ تۈپ يولى قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. نەزەرىيە ئۆگىنىش - تەربىيەسى ئۇسۇلىنى بېيىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا تەلىم - تەربىيە بېرىشتىكى ئاساسىي دەرسلىك ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قائىدىنى چۈشىنىش، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى ئىگىلەش، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنزىل، ھېسسىياتنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا سۇبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىپ، غايە ئاساسىنى پۇختىلاپ، سىياسىي خىسلىتىنى تاۋلاپ، دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت بۇ باش كەيگۇەن مەسىلىسىنى ئوبدان ھەل قىلىش جەھەتتىن يېتەكلەش كېرەك. ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە شەخسنىڭ ئىدىيەۋى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى ئاڭلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تەتبىقلاپ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ ۋە ھەل قىلىپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى بىرلەشتۈرۈشى، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلىرى ئۆزىگە ماركسىزملىق سىياسىيونلار ئۆلچىمى بويىچە تەلەپ قويۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىگە ئۆمۈرۋايەت ئەقىدە باغلىشى، ئۇنى پىششىق ئىگىلىشى، ماھىرلىق بىلەن تەتبىقلىشى كېرەك. «بىرىنچى قارالما» تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش سۈپىتى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشىنى ئىجادىي يولغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ سىستېمىلىشىشى، ئىلمىي قائىدىلىشىشىنى تەتقىق قىلىش، ئىزاھلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە تارىخى، پارتىيە قۇرۇلۇشىغا دائىر پەنلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.
(3) پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئارقىلىق پارتىيەۋىلىكنى ئوزۇقلاندۇرۇش. پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى مەنبە قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ قىممەت قارىشىنى چىڭ ساقلاشقا يېتەكلەش كېرەك. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىكى ساداقەت - سەمىمىيەتنى تەكىتلەش، پەزىلەتنى قەدىرلەش، ئار - نومۇسنى بىلىش، ھەزەرچان - ئەيمىنىشچان بولۇش، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىق ئەخلاق قاراشلىرىنى قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، سىياسىي ئەخلاق تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئومۇمىي ئەخلاقنى چۈشىنىش، ئاممىۋى ئەخلاققا رىئايە قىلىش، شەخسىي ئەخلاقتا تەلەپچان بولۇشقا، دۆلەت مۇھەببىتى يېتىلدۈرۈپ، مەردانە خىسلەت يېتىلدۈرۈپ، ھوقۇق، پۇل، سەتەڭلەرنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى باشلامچىلىق بىلەن كىتاب ئوقۇش - ئۆگىنىشكە يېتەكلەش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيەۋىلىك تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە مەكتەپلىرى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنلىرى)، كادىرلار شۆيۈەنلىرىنىڭ پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىدىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دەرسلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
(4) ئەمەلىيەت داۋامىدا پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش - ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش، شىددەتلىك بوران - چاپقۇننىڭ سىنىقىغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا پارتىيەۋىلىكىنى تاۋلىشىغا، ھەق - ناھەق، ئومۇم - شەخس، پايدا - زىيان مۇناسىۋىتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش داۋامىدا پارتىيەۋىلىكىنى چېنىقتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ پارتىيەۋىلىكنى تاۋلايدىغان «چوڭ پېچ»لىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش مىزانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىش قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ سىياسىيلىقى، دەۋرچانلىقى، پىرىنسىپاللىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلىنى بېيىتىپ، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ۋە تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى، پارتىيە ياچېيكىسى پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى، پارتىيە ياچېيكا كومىتېتى يىغىنى، پارتىيە كىچىك گۇرۇپپىسى يىغىنى، پارتىيە دەرسى، باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتى قاتارلىقلارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار قوش تەشكىلىي تۇرمۇشقا قاتنىشىش بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. كەمچىلىك ۋە خاتالىقنى دادىللىق بىلەن ئېچىپ تاشلاپ ۋە تۈزىتىپ، بارلىق ناچار ئەھۋاللارغا قارشى كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئاقىل ئۆزىنى ئايايدۇ دەيدىغان يولنى تۇتۇشقا، «ياخشىچاق» بولۇۋېلىشقا قارشى تۇرۇش كېرەك. پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپى ئاساسىدىكى ئىتتىپاقلىقتا چىڭ تۇرۇپ، پىرىنسىپقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ئىناقلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئىلغار تىپلارنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مۇنەۋۋەرلەردىن ئۆگىنىش، ئىلغار - نەمۇنىچىلاردىن بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيەۋىلىكىنى تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە پارتىيەگە كىرىش قەسىمىگە سېلىشتۇرۇپ دائىم تەھلىل قىلىپ، چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە چاڭ - توزاننى تازىلىشى، ئارىلاشمىنى چىقىرىپ تاشلىشى، ۋىرۇسنى يوقىتىشى، ئىممۇنىتېتىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەركەزلىك تەربىيە بىلەن دائىملىق تەربىيەنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك.
(5) پارتىيەۋىلىكنى ئىنچىكە پەرقلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش. پارتىيەۋىلىكنى كادىرلارنى كۆزىتىش ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى دېموكراتىك باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، نۇقتىلىق ھالدا پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئىگىلەش ۋە سادىقلىقى، پاكلىقىنى باھالاش كېرەك. تەشكىلات تارماقلىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە كۆزىتىش، كۆزىتىپ تەكشۈرۈش، ئىقتىسادىي تەپتىش، ئەرزىيەت قاتارلىق تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى، ئۆستۈرۈلىدىغان كادىرلار، ياش كادىرلار قاتارلىقلارنىڭ پارتىيەۋىلىكىنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىش ۋە مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىش كېرەك. خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، قىيىنچىلىقنى يېڭىش، زىددىيەتنى ھەل قىلىشتىكى ئىپادىسىدىن پارتىيەۋىلىكىنى پەرقلەندۈرۈشكە، كۈندىلىك خىزمىتى، شەخسىي سۆز - ھەرىكىتى، ئىجتىمائىي ئالاقىسى، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلىدىن پارتىيەۋىلىكىنى مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىشقا، يۇقىرى دەرىجىلىكنىڭ باھاسىنى، تەڭ دەرىجىلىكنىڭ ئۆزئارا باھاسىنى، تۆۋەن دەرىجىلىكنىڭ ئىنكاسىنى، ئاممىنىڭ باھاسىنى ئاڭلاش قاتارلىقلار ئارقىلىق پارتىيەۋىلىكىنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. كادىرلارنى تاللاش - تەيىنلەش ۋە مۇنەۋۋەرلەر - ئىلغارلارنى باھالاشتا پارتىيەۋىلىكنى ئىنچىكە پەرقلەندۈرۈش نەتىجىسىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.
3. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىش
دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى − پارتىيەمىزنىڭ تۈپ تەشكىلىي پىرىنسىپى ۋە رەھبەرلىك تۈزۈمى، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىش − پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئىچكى تەلىپى. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىگە دائىر تۈرلۈك تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى تولۇق ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغرا مەركەزلەشتۈرۈشنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكى، تۈزۈم ئەۋزەللىكى، خىزمەت ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش شەرت.
(1) پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش. پارتىيە ئەزاسى پارتىيە تەشكىلاتىغا بويسۇنۇش، ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنۇش، تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلات يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتقا بويسۇنۇش، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ھەرقايسى تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىغا ۋە مەركىزىي كومىتېتىغا بويسۇنۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىگە دائىر تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ بۇيرۇقنى قەتئىي ئىجرا قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىزلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە سۈپەت - ئۈنۈمنى باھالاشنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىن يوليورۇق سوراش ۋە ئۇنىڭغا دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. سىياسىي نازارەتچىلىكنىڭ كونكرېتلىشىشى، دەل جايىدا بولۇشى، دائىملىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەتچىلىكنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كۈچلۈك بولماسلىق، شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىش، قېيىپ كېتىش مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە ھەل قىلىپ، «تۆۋەن دەرىجىلىك قىزىل»، «يۇقىرى دەرىجىلىك قارا»نىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش كېرەك.
(2) پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش. پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا دائىر تۈزۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە كومىتېتى، پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى، پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيە خىزمىتىنى پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىدە بېكىتىلگەن دېموكراتىك پىرىنسىپ ۋە تەرتىپ بويىچە قانات يايدۇرۇش، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆزى مەسئۇل خىزمەت، ئۆزى مەسئۇل ساھە ۋە جاينى «شەخسىي زېمىنى» قىلىۋېلىشىغا، شەخسنىڭ تەشكىلدىن ئۈستۈن تۇرۇۋېلىشىغا يول قويماسلىق كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشقا قاتنىشىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پىكىر بايان قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرۈش تۈزۈمى، ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىك، باراۋەر بولغان يولداشلىق مۇناسىۋىتىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدە دېموكراتىك مۇزاكىرە قىلىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، راست گەپ قىلىش، ئەمەلىي گەپ قىلىش، كۆڭلىدىكى گەپنى قىلىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش، باشقىچە پىكىر بەرگەن يولداشلارنى باسماسلىق، يەكلىمەسلىك، ئۇلارغا زەربە بەرمەسلىك كېرەك.
(3) رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، كېڭىشىش قائىدىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش. كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش بىلەن شەخسلەر ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەدبىرنى ئىلمىي بەلگىلەش، تەدبىرنى دېموكراتىك بەلگىلەش، تەدبىرنى قانۇن بويىچە بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، زور مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىدە كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش، ئايرىم كېڭىشىش، يىغىندا قارار قىلىش پىرىنسىپى بويىچە، كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ قارار چىقىرىش شەرت. پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپىسى)نىڭ كېڭىشىش قائىدىسى ۋە تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زور تەدبىر بەلگىلەشتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئىلمىي دەلىللەش، خەۋپ - خەتەرنى باھالاشنى كۈچەيتىش، مۇھىم قارالمىلاردا چوڭراق پىكىر ئىختىلاپى كۆرۈلگەندە مەجبۇرىي تەدبىر بەلگىلىمەسلىك كېرەك. زور تەدبىر بەلگىلەشنىڭ قائىدىگە، قانۇنغا ئۇيغۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، زور تەدبىر بەلگىلەش، مۇھىم كادىر تەيىنلەش - قالدۇرۇش، زور تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، كۆپ سوممىلىق مەبلەغ ئىشلىتىش ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار تەشكىلنىڭ قارارى ۋە تەشكىلنىڭ ئىش تەقسىماتىغا بويسۇنۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھى ۋە كوللېكتىپ بەلگىلىگەن تەدبىر بويىچە ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلغاندا تولۇق پىكىر بايان قىلىشى، تەدبىر بەلگىلەنگەندىن كېيىن ئاخىرىغىچە چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشقا ياكى ھەركىم ئۆزى بىلگىنىچە ئىش قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇھاكىمە قىلىپ قويۇپ قارار چىقارماسلىق، قارار چىقىرىپ قويۇپ ئىجرا قىلماسلىق، ئىجرا قىلسىمۇ ئەمەلىي ئىجرا قىلماسلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى)نىڭ كوللېكتىپ تەدبىر بەلگىلەش نامىدا بەلگىلىمىگە كوللېكتىپ خىلاپلىق قىلىشى ياكى مەسئۇلىيەتتىن قېچىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم قارار چىقىرىشتا، ئومۇمەن ئىشتىن بۇرۇن تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار بەلگىلىگەن زور تەدبىرگە ئۆمۈرۋايەت مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.
(4) «بىرىنچى باشلىق»نىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشى، ھوقۇق يۈرگۈزۈشىنى قېلىپلاشتۇرۇش. «بىرىنچى باشلىق» ۋە رەھبەرلىك بەنزىسىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشكە دائىر تۈزۈم - بەلگىلىمىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. «بىرىنچى باشلىق»نى تاللاش - تەيىنلەشتە دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ساپاسى ۋە ئىقتىدارىنى كۆزىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشىگە چەك قويۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، «بىرىنچى باشلىق»نىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى، ھوقۇق چېكىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، «بىرىنچى باشلىق» ئاخىرىدا ئىپادە بىلدۈرۈش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىش كېرەك. شۇجىلار مەخسۇس تېمىلىق يىغىنى پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىغا ۋاكالىتەن تەدبىر بەلگىلىمەسلىكى كېرەك. پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى)نىڭ شۇجىسى دېموكراتىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باشقىچە پىكىرلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئاز سانلىقلارنىڭ پىكرىگە توغرا مۇئامىلە قىلىشى، بىرلا ئادەمنىڭ گېپىنى ھېساب قىلىۋالماسلىقى، «ئائىلە باشلىقى تۈزۈمى»نى يولغا قويماسلىقى شەرت، كوللېكتىپ مۇھاكىمە قىلىشقا تېگىشلىكلىرىدە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىپادە بىلدۈرمەسلىك، شەخسىي پىكرىنى بەنزە كوللېكتىپى قارارىنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەسلىك، كوللېكتىپنىڭ قارارىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋەتمەسلىك، «بىرىنچى باشلىق»نىڭ شەخسىي نوپۇزىنى قوغداشنى قاتلاممۇقاتلام تەلەپ قىلماسلىق كېرەك. «بىرىنچى باشلىق» خىزمەت دوكلاتى بەرگەندە تۆۋەن دەرىجىلىك «بىرىنچى باشلىق»نى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش ئەھۋالىنى مەخسۇس دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى) تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ «بىرىنچى باشلىقى»نى نازارەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تەڭ دەرىجىلىكلەر نازارەت قىلىش تۈزۈم - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قوغداش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، بىر - بىرىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى، «بىرىنچى باشلىق»تا ساقلانغان مەسىلىلەرنى بايقىغاندا سەمىمىيلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشى، مۇھىم مەسىلىلەرنى بايقىغاندا يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا دوكلات قىلىشى كېرەك.
4. مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىش
پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇشتا. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كادىرلارنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش، تاللاش - تەيىنلەش، باشقۇرۇش - نازارەت قىلىشنى چىڭىتىپ، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان، قابىلىيىتى يۇقىرى، ئىستىلى ئېسىل، ئىنتىزامدا قاتتىق يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش شەرت.
(1) ئادەم ئىشلىتىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش. كادىرنى پارتىيە باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، ھەر يەر - ھەر يەردىن بولۇش، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى ئىشقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، كەسىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئادىل - دۇرۇس بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەگە سادىق، تىلى بىلەن دىلى بىردەك، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ تولۇق ئادا قىلىدىغان، ئەمەلىي نەتىجىسى گەۋدىلىك، پاك - دۇرۇس كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن تاللاش - تەيىنلەش، قىيىنچىلىقتىن قورقۇپ، ئىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان، ھۇرۇن، يارامسىز، ئىستىلى تۇراقسىز كىشىلەرنى قەتئىي ئىشلەتمەسلىك، پارتىيەگە سادىق بولمىغان، كۆرۈنۈشتە ئەمەل قىلىپ ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىدىغان كىشىلەرنى قەتئىي تازىلاش كېرەك.
(2) ئادەمنى دەل جايىدا، ئىلمىي تاللاش - ئىشلىتىش. كادىر تاللاش - تەيىنلەش پىرىنسىپى ۋە تەرتىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئادەمنى تەشكىل تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتە ئادىل بولۇش، ئىشقا قاراپ ئادەم تاللاشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كادىرلارنى كۆزىتىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئادەتتە باھالاشنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنىڭ سىياسىي ساپاسىنى چوڭقۇر، ئەمەلىي كۆزىتىپ، كادىرلارغا ئىزچىللىق ئىپادىسىگە قاراپ باھا بېرىش، كادىرلارنى مۇھىم ئۆتكەل، ئاچقۇچلۇق پەيتلەردە كۆزىتىش، كادىرلارنى كۈرەش سىنىقى، زىددىيەت - قىيىنچىلىق، ناتوغرا ئىستىل - ناچار كەيپىيات، مەنپەئەت - ئېزىقتۇرۇش، ئۆسۈش، چېكىنىش، قېلىش، ئالمىشىشتىكى ئىپادىسىدىن پەرقلەندۈرۈش، كادىرلارنى يۈكنى ئېغىر دېمەي زىممىسىگە ئېلىش، ئىشنى ئۈستىگە ئېلىش - ئىش قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللاردىن كۆزىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. كېڭەيتىپ كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنى بۇرۇنقى خىزمەت قىلغان جايىغا ياكى ئىدارىسىگە بېرىپ تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كادىرلارنىڭ تۇرمۇش چەمبىرىكى، ئىجتىمائىي ئالاقە چەمبىرىكىنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كۆزىتىش، كۆزىتىپ تەكشۈرۈش، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ نەتىجىسىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. كادىرلارنى قەتئىي تۈردە ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تەلىپى بويىچە تاللاپ ئىشلىتىپ، ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. شەخسلەر كۈچلۈك، كوللېكتىپ ئەلا بولۇش، قۇرۇلما فۇنكسىيەگە بويسۇنۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى، بولۇپمۇ «بىرىنچى باشلىق»قا مۇنەۋۋەرلەرنى تاللاش، قابىللارنى سەپلەش كېرەك. ياشانغانلار، ئوتتۇرا ياشلىقلار، ياشلارنى پەلەمپەيسىمان سەپلەش، ھەرقايسى ياش باسقۇچىدىكى كادىرلارنى بىرتۇتاش ياخشى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئايال كادىرلار، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ۋە پارتىيە سىرتىدىكى كادىرلارنى يېتىشتۈرۈپ ۋە ياخشى ئىشلىتىپ، يېشى، ئوقۇش تارىخى، ئىستاژىغا ئېسىلىۋالماي، بەنزە قۇرۇلمىسىغىلا ئەھمىيەت بېرىپ، شەخسنىڭ ساپاسىغا سەل قاراش، ئوقۇش تارىخى، ئىستاژىغىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي ئىقتىدارىغا سەل قاراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مەجبۇرىي سەپلەش، ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامدىن مۇنەۋۋەر كادىرلارنى بايقاش ۋە تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشتە چەتلىتىش، ئىش ئورنىنى قەرەللىك ئالماشتۇرۇش ۋە ئادەم ئالماشتۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا دائىر سىياسەتلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئوخشاش بىر ئىش ئورنىغا قايتا - قايتا كادىر تەڭشەش، ئوخشاش بىر كادىرنىڭ ئىش ئورنىنى قايتا - قايتا تەڭشەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلار ئۈستىدە تەھلىل قىلىش، مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، رەھبىرىي كادىرلارنى ئۆستۈرۈشكىمۇ، چۈشۈرۈشكىمۇ بولۇشنىڭ دائىملىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھازىرقى ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان كادىرلارنى تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
كادىرلارنى ئۆستۈرۈشتە ئارخىپىنى جەزمەن تەكشۈرۈش، ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرى ھەققىدىكى دوكلاتنى جەزمەن دەلىللەش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش - رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ پىكرىنى جەزمەن ئاڭلاش، بەلگىلىمە - ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلەر ئىنكاس قىلىنغان، يىپ ئۇچى كونكرېت بولغان، تەكشۈرۈشكە بولىدىغان ئەرزىيەت ۋە پاش قىلىنغان ئىشلارنى جەزمەن تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پاكلىق توغرىسىدىكى پىكىرلەرنى پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى)نىڭ شۇجىسى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى (ئىنتىزام تەكشۈرۈش - رېۋىزىيە ۋاكالەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى) بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ مۇئەييەنلەشتۈرۈش بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. كادىرلارنىڭ تەيىنلىنىشتىن ئىلگىرىكى ئىشلىرىنى دوكلات قىلىش، تاللاش - تەيىنلەشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى خاتىرىلەش، «بىرنى دوكلات قىلىش، ئىككىنى باھالاش» تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئادەم تاللاش - ئىشلىتىشتە مەخسۇس تەكشۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چاتىقى بار كادىرلارنى ئۆستۈرۈش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئادەم ئىشلىتىشتىكى ناتوغرا ئىستىلنى قەتئىي تۈزەش، خۇپىيانە بېرىش - ئېلىش، يېقىنلىرىنىلا ئىشقا قويۇشنى قاتتىق مەنئى قىلىش، «كىچىك چەمبىرەك»نى قەتئىي بۇزۇپ تاشلاش، ئەمەل كويىدا قاتراش، ئەمەل تەلەپ قىلىش، ئەمەل سودىسى قىلىش، پارا بېرىپ سايلىنىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
(3) كادىرلارنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇشى ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشىگە تۈرتكە بولۇش. سىياسىي نەتىجە قارىشى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كادىرلارنى ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلققە بەخت يارىتىش، تەدبىرنى ئىلمىي بەلگىلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان سىياسىي نەتىجىنى سىناشنى ياخشىلاپ، ئادەمنى سىناش بىلەن ئىشنى سىناشنى، ھازىرقى سىناش نەتىجىسىدىن پايدىلىنىش بىلەن تەيىنلىنىشتىن ئىلگىرىكى كۆزىتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، نۆۋەتتىكى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش ۋە ئىلگىرى قېپقالغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، ئاشكارا نەتىجە يارىتىشقا ۋە يوشۇرۇن نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلەپ تەھلىل قىلىش كېرەك. سىياسىي نەتىجە قارىشى ئېغىپ كېتىش جەھەتتىكى ئاساسلىق مەسىلە تىزىملىكىنى ئۇدۇللۇق تەڭشەپ، سىياسىي نەتىجە قارىشى ئېغىپ كېتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. يېڭى ئەمەلدار كونا ھېسابقا ئىگە بولماسلىق، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىش، ساختىپەزلىك قىلىش، قارىغۇلارچە، قاراملارچە ئىش قىلىش، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا يات بولغان، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تەدبىر بەلگىلەش، «ئوبراز قۇرۇلۇشى» ۋە «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى» قىلىش، سىياسەت پىلانلاشتا «قوتۇرماچ ئۆرۈش»، يەرلىك ھۆكۈمەت يوشۇرۇن قەرزىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يېڭىدىن كۆپەيتىش، تەرەققىياتقىلا ئەھمىيەت بېرىپ بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بەرمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تۈزەش كېرەك. قىلىدىغاننى قىلماسلىق، ئىشنى قالايمىقان قىلىش مەسىلىسىنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ئالماشقاندا خىزمەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.
(4) كادىرلارنىڭ ئىش قىلىش، نەتىجە يارىتىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش. كادىرلارنىڭ ئىدىيەدە تاۋلىنىشى، سىياسىيدا پىشىپ يېتىلىشى، ئەمەلىيەتتە چېنىقىشى، كەسىپتە تەربىيەلىنىشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قابىلىيىتى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قابىلىيىتى، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىش قابىلىيىتى، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، كۈرەش قىلىش روھى ۋە كۈرەش قىلىش قابىلىيىتى يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ پىكىر يولىنى پىلانلىشى، مەسىلىنى ھەل قىلىشى، خىزمەتنى ياخشىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كادىرلارنىڭ بىلىمىنى يېڭىلىشىنى تېزلىتىپ، كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىدار كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاپ، ئۆز خىزمىتىنىڭ كەسىپ ئەھلى بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كادىرلارنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدا تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلىشى، قانۇنىيەتنى ئىگىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خىزمەتنىڭ پىرىنسىپاللىقى، سىستېمىلىقلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكى، ئىجادچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.
(5) مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش. مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاشنى دائىملاشتۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. سىياسىي جەھەتتىن يېتىشتۈرۈش ۋە سىياسىي جەھەتتىن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ياش كادىرلارنى ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاش، ئىدىيە رولىنى مەھكەم تۇتۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ئاساسىي قاتلام، بىرىنچى سەپنى ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ ئاساسىي ئىستىھكامى قىلىپ، ياش كادىرلارنىڭ جاپالىق رايون، مۇرەككەپ مۇھىت، مۇشەققەتلىك ئىش ئورۇنلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ چېنىقىپ، پەزىلىتىنى چېنىقتۇرۇشى، ئىستىلىنى ياخشىلىشى، قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېتىشتۈرۈش بىلەن باشقۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ياش كادىرلارنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش يولىدا مېڭىپ، تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇپ، ئەمەلىي، جاپالىق ئىشلەشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش، يەڭگىلتەكلىك، ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق، قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشلارغا ئېسىلىۋالماسلىق، ئۆزىگە لايىھە تۈزۈۋالماسلىق، يولنىڭ ئاسىنىغا كىرىۋالماسلىققا يېتەكلەش كېرەك. ياش كادىرلارنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا قاتنىشىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش - تاقابىل تۇرۇش، قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىزلاپ ئىگىلەپ، ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. «مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش» قاتارلىق ئۇسۇللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇلارنى تۈزىتىش كېرەك.
(6) كادىرلارنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش. يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلاردىن باشلاپ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى ھەر تەرەپلىمە باشقۇرۇش ۋە دائىملىق نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، قاتتىق تەلەپنى كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش پۈتۈن دەۋرى، تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش، تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، باشقۇرۇشقا سەل قاراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار ئالاقىدار شەخسىي ئىشىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئائىلە مال - مۈلكى ۋە چىقىمى نورمال كىرىمىدىن كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كەتكەنلىرىنى تەكشۈرۈپ دەلىللەش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرىنىڭ سودا قىلىشى، كارخانا قۇرۇشىنى دائىملىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. «تۇققاندارچىلىق ئاينىپ كېتىش» مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. كادىر قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. كادىرلارنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىش، خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىپ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، «قاچما ئىستېپا بېرىش»نىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش كېرەك. پېنسىيەگە چىققان كادىرلارنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلىرى دادىل تۇتۇشى، دادىل باشقۇرۇشى، قاتتىق باشقۇرۇشى، قاتتىق ئىدارە قىلىشى شەرت، كادىرلارنىڭ خاتا سۆز - ھەرىكەتلىرى بىلەن كارى بولمايدىغان، سەتچىلىكىنى يېپىپ يېتەرسىزلىكىنى يوشۇرىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك. كادىرلارنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش خىزمەت نىزامى تۈزۈش كېرەك.
قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەك قويۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە قوغداش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، زىممىسىگە ئالغانلارغا مەسئۇل بولۇش، مەسئۇل بولغانلارغا مەسئۇل بولۇش، ئىش قىلغانلارغا يۆلەك بولۇش كېرەك. سىردىشىش، سۆھبەتلىشىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلارنىڭ ئىدىيە ئۆزگىرىشى، خىزمەت ھالىتى، جىسمانىي - روھىي ساغلاملىق ئەھۋالى ۋە ئائىلە ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، تەربىيەلەش، يېتەكلەشنى قاراتمىلىق كۈچەيتىش كېرەك. مەمۇرلار خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ۋەزىپە بىلەن دەرىجىنى تەڭ يولغا قويۇش قاتارلىق تۈزۈملەرنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە سىياسىي جەھەتتىن قوبۇل قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىغا دائىر تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىنى بىر گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە يېتىشتۈرۈپ، كىرگۈزۈپ ۋە ياخشى ئىشلىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى قوللاش - مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كەڭ ئىختىساسلىقلارنى پارتىيەنى سۆيۈپ دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش، كەسىپنى قەدىرلەپ تۆھپە يارىتىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپتىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن توپلاش كېرەك. پارتىيە كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەھبىرىي كادىرلار بىۋاسىتە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئىختىساسلىقلار قوشۇنىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنى پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، كېيىنكىلەرنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، ئىلىم سەمىمىيىتى، پەن - تېخنىكا ئېتىكىسى قاتارلىق جەھەتلەردە نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش، ئىلىمدە ساختىلىق، كۆچۈرمىچىلىك، ئوغرىلىق قىلىش قاتارلىق ئىلىم ساھەسىدىكى ناتوغرا قىلمىشلارغا قارشى تۇرۇپ، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىش، يەڭگىلتەكلىك، كۆپتۈرمىچىلىك قىلىش قاتارلىق ناچار كەيپىياتلارنى توسۇش كېرەك. ئىختىساسلىقلار «قالپاق» مەسىلىسىنى تۈزەپ، ئىستاژ ۋە ياش سۈرۈشتۈرۈش، چەمبىرەك مەدەنىيىتى، ئىلىم زومىگەرلىكى ئىستىلىنى تۈگىتىش كېرەك.
5. يۇقىرى - تۆۋەن تۇتاشتۇرۇلغان، ئىجراسى كۈچلۈك بولغان پۇختا تەشكىلىي سىستېما بەرپا قىلىش
پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى − پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى. ھەرقايسى قاتلام، دەرىجە، ھەرقايسى ساھەلەردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي فۇنكسىيەسى ۋە تەشكىلىي فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە يۇقىرى - تۆۋەن ماسلاشقان، دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش شەرت.
(1) مەركىزىي كومىتېت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش. سىياسىي ئورگان قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركىزىي كومىتېت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ بىرىنچى سەپتە ياخشى مېڭىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئۈلگە بولۇشى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن - ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشتا ئۈلگە بولۇشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۈلگە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەركىزىي كومىتېت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنى سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئىنتىزامچان، مەسئۇلىيەتچان، ئۈنۈملۈك نەمۇنە ئورگان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئورگاننى تۇتۇش - سىستېمىنى يېتەكلەش، ساھەنى باشقۇرۇش - پارتىيە قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورگان، بىۋاسىتە قاراشلىق كارخانا - كەسپىي ئورۇنلار، ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سىياسىي فۇنكسىيەسى كۈچلۈك، ياچېيكا بەنزىسى كۈچلۈك، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى كۈچلۈك، رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كۈچلۈك بولغان پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن كەسىپنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىر - بىرىنى ئايرىۋېتىش مەسىلىسىنى سىجىل ھەل قىلىش كېرەك. «ئورگان كېسىلى» ۋە «يامۇل ئىستىلى»دىن قاتتىق ساقلىنىپ، «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ» بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
(2) يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىش. يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ ئۆز رايونىدا ئومۇملۇقنى تولۇق ئىگىلەيدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرىدىغان رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىيەتنى باشقۇرۇش، تەدبىر بەلگىلەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنىدىغان، ئىجراسى كۈچلۈك، باشقۇرۇشى قاتتىق، بەنزىسى ئىتتىپاق، كەيپىياتى ساپ بولغان كۈچلۈك تەشكىلات قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش كېرەك. يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ كۈچلۈك بەنزە قۇرۇپ، قوشۇننى قاتتىق باشقۇرۇپ، سىياسىي سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنى دائىم قانات يايدۇرۇپ، ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى بايقاش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى خىزمەت نىزامىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش كېرەك. يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.
(3) ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىش. ئاساسىي قاتلامنى زور كۈچ بىلەن تۇتۇش روشەن يۆنىلىشىنى كۈچەيتىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، بوشلۇقنى تولدۇرۇش ۋە سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، فۇنكسىيەنى كۈچەيتىشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرىدىغان مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - بازارلىق پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەنت كادىرلىرىنى تەربىيەلەش - باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى ۋە خىزمەت ئەترىتىنى تاللاپ ئەۋەتىش، باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. «چۆلدەرەپ قالغان كەنت»لەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەش كېرەك. شەھەر كوچا باشقارمىسى، مەھەللە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاھالە رايونى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ياخشى، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىكىدىكى ئاھالە كومىتېتلىرى، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتلىرى، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى كارخانىلىرىنى ماس يۈرۈشتۈرۈش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. «پەۋقۇلئاددە چوڭ مەھەللە» پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. تەرەققىيات رايونى (باغچە رايونى)نىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. چېگرا رايونلارنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئۆزىنى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن شەھەر - يېزا ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. دائىرىلەشتۈرۈپ ئىدارە قىلىش - مۇلازىمەت قىلىشنى بىرىكتۈرۈپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە ئاممىنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا قانۇن بويىچە تەرتىپلىك قاتنىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، قارىمىقىدىكى ئورۇن، ساھەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئوبدان تۇتۇش كېرەك. كەسپىي ئورۇنلارنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىگە دائىر تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپ، دوختۇرخانا، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى قاتارلىقلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرى، دۆلەت پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىدا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە كومىتېتلىرى (پارتىيە گۇرۇپپىلىرى)نىڭ ئالدىن مۇھاكىمە ۋە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان زور تىجارەت باشقۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ماھىيەتلىك ئۆتكىلىنى ئىگىلىشىنى كۈچەيتىپ، شىركەتنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەركەزلىك بولۇش بىلەن دائىملىق بولۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەرتىپكە سېلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرىنى يېتىشتۈرۈش، تاللاش ۋە ئۇلارغا تەلىم - تەربىيە بېرىشنى كۈچەيتىش كېرەك. بايلىقنى، مۇلازىمەتنى، باشقۇرۇشنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە، سىياسەتنى ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاممىۋى تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك - ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
(4) يېڭى گۈللىنىۋاتقان ساھەلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇش. يېڭى گۈللىنىۋاتقان ساھەلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى تۈر بويىچە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساھەنى باشقۇرۇش ۋە كەسىپنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارمىقى، كەسىپكە مەسئۇل ئورۇن ۋە تەۋە جاي قاتارلىقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى گۈللىنىۋاتقان ساھەلەردىكى چاقىرىق كۈچى، ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلاشقان توپلارنى پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە خىزمىتى بىلەن قاپلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ شۇجىلىقىغا مۇنەۋۋەرلەرنى تاللاپ، قابىللارنى سەپلەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يېتەكچىلىرىنى تاللاپ ئەۋەتىش خىزمىتىنى ياخشىلاپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش - ئىگىلىك تىكلەش، جەمئىيەت مۇلازىمىتى قىلىش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش قاتارلىقلار بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تۈر بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، سۇپا كارخانىلار، ئىجادچان پەن - تېخنىكا كارخانىلىرى قاتارلىقلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئالاقە تورى كارخانىلىرىدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى دەرىجە ئۆستۈرۈپ باشقۇرۇش - ئۇدۇللۇق تەڭشەش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە تۈر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىپ، ساھە جەمئىيىتى، ئىلمىي جەمئىيەت، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى تەلىپىنى نىزامنامىگە كىرگۈزۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ساھە تەلەپچانلىقىنى يېتەكلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. پۇقراۋى مەكتەپ، پۇقراۋى دوختۇرخانا قاتارلىقلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلاشقان توپلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت - باشقۇرۇشنى ياخشى قىلىپ، قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلاشقان توپلارنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەش كېرەك.
(5) پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش. سىياسىي ئۆلچەمنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرتىپنى چىڭىتىپ، ئۆتكەلنى چىڭ ئىگىلەپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مۇددىئاسى ساپ بولمىغانلارنىڭ پارتىيەگە كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ياشلار ۋە كەسىپ ئىشچىلىرى، دېھقانلار، زىيالىيلار ئارىسىدىن پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى گۈللىنىۋاتقان ساھەلەردە پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى دائىملىق تەربىيەلەش، بولۇپمۇ ئاساسىي تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى بىۋاسىتە تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تور ھەرىكىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىنى تىزىملاش، قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، كەلگەن جايى بىلەن بارغان جايىدىكى پارتىيە تەشكىلاتى ھەمكارلىشىپ ئورتاق باشقۇرۇش، تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئىش ئورنى تەسىس قىلىش، مەسئۇلىيىتىنى بېكىتىش، ۋەدە بېرىش، ۋەدىسىدە تۇرۇش، زەربىدارلار ئەترىتى قۇرۇش، سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاش، ئاۋانگارتلاردىن بولۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى يولغا قويۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تور سىرتىدا ۋە توردا، ئىش ئورنىدا ۋە ئىش ئورنىدىن ئايرىلغاندا، ئادەتتە ۋە جىددىي ئەھۋالدا رولىنى جارى قىلدۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئىچىدە رىغبەتلەندۈرۈش، غەمخورلۇق قىلىش ۋە يار - يۆلەك بولۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. لاياقەتسىز پارتىيە ئەزالىرىنى كەسكىن، سالماق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
(6) پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرىنى تۇتاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى يەتكۈزۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەھۋالىنى يۇقىرىغا ئىنكاس قىلىش، زىددىيەت، مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. تەۋەلىك ۋە تىك لىنىيە بويىچە باشقۇرىدىغان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىستېمىلار بىلەن بۆلەكلەرنى بىرلەشتۈرۈش، ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش، زىچ جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلار پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى) شۇجىسىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تۇتۇش ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى باھالاش - سىناش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەش كېرەك. پارتىيە خىزمەتچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كۈچنى تولۇق، كۈچلۈك سەپلەپ، زۆرۈر كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. شۇ دەرىجىلىكنى ياخشى تۇتۇش، تۆۋەن دەرىجىلىكنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتلاممۇقاتلام تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىشى، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك ۋە مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
6. قىلچە بوشاشماي ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش
ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ كۈچلۈك تەدبىرى. پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامىنى تەڭ تۇتۇش، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشنى ئىستىلنى تۇتۇشتىن باشلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش تەجرىبىلىرىنى تەتبىقلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىلنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇپ ۋە پارتىيەنى ئىدارە قىلىپ، ياخشى ئوبراز ئارقىلىق قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش شەرت.
(1) يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىش. ماركسىزملىق ئاممىۋى قاراش ۋە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئاساسىي مەقسەت ئېڭى، خەلقنىڭ چاكىرى بولۇش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىغا بولغان مۇھەببىتىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇۋېلىش، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى خىزمەت ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، دائىم ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پىكىرلەرنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىشكە ماھىر بولۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا ئاممىنى تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش، ئاممىنى باشلاپ ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەپ، بۇيرۇقۋازلىق، «قۇيرۇقۋازلىق»نىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار زور تەدبىرلەرنى بەلگىلەشتە ئاممىدىن پىكىر ئېلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ تەشۋىق قىلىش، ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئەرزىيەتنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ قوبۇل قىلىش، ئىشنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ نەق مەيداندا بېجىرىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىۋاسىتە ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن پىدائىيلىق مۇلازىمىتىگە قاتنىشىپ، قوشماقلىشىپ يار - يۆلەك بولۇشنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى تۈگىتىشنى سىجىل ياخشى تۇتۇش كېرەك. توردا ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاقە تورى ئارقىلىق ئاممىنى تەشكىللەش، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ توردا ئاممىۋى خىزمەت ئىشلەش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
(2) مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈش. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان پولات قائىدە، قاتتىق ئۆلچەم قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ئىللەتلىرىنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، راھەتپەرەسلىك ۋە ھەشەمەتچىلىك خاھىشىنىڭ خېمىغا يېنىپ قايتا كۆرۈلۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز قىلمىشلىرىنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك. يىغىننى، ھۆججەتنى، يوللايدىغان ماتېرىيالنى ئىخچاملاپ، «قىسقا، ئەمەلىي، يېڭى» بولۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىغىن ئىستىلى - يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ياخشىلاش كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرى تەشكىلنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، شەخسىي ئەسەرلىرىنى ئاشكارا نەشر قىلدۇرماسلىقى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ زىيارەتكە چىقىش بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، غەمخورلۇق خاراكتېرلىك زىيارەت ئورۇنلاشتۇرماسلىق كېرەك. شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، سىناشنى بىرتۇتاش قېلىپلاشتۇرۇپ، بەرپا قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش ۋە سېلىشتۇرۇپ باھالاش، تەقدىرلەش پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، بايرام، كۆرگەزمە، مۇنبەر پائالىيەتلىرىنى ئېنىقلاپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، «بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىق»نى تۈزەپ، يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى)لارنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش ئىش تىزىملىكىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنت (مەھەللە) خىزمىتى ئىشلىرىغا ئىجازەت بېرىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپ يەپ - ئىچىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ سوۋغات، پۇل ئېلىش - بېرىش، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى سىجىل تۈزەش كېرەك. ئىقتىسادچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تېجەشلىك كۈن ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتى»نى چىڭ تىزگىنلەپ، ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەرنى يېڭىدىن سېلىشنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك. ناتوغرا ئىستىللارنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى، يېڭى ئىپادىسىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، يوشۇرۇن، شەكلى ئۆزگەرگەن مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇلارنى تۈزىتىش كېرەك.
(3) ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ دائىملىشىشى، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىش. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈندىلىك ئىشلارغا سىڭدۈرۈپ، دائىم تۇتۇپ، پاسسىپلىق بىلەن قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئىشلەش ۋە چارچاپ بىزار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىستىل مەسىلىسىدىكى «كىچىك ئىش دەۋېلىش خاھىشى»، «ئالاھىدە بولۇۋېلىش خاھىشى»نى تۈزىتىش كېرەك. ئىستىل مەسىلىسىنى دائىملىق بايقاش ۋە ھەل قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»قا دائىر گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش، مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىش ۋە نىشانلىق تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك. رايون، ساھە، باسقۇچ خاراكتېرلىك بولۇش ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك يۈز بېرىۋاتقان، تەكرار كۆرۈلۈۋاتقان ئىستىل مەسىلىسىنى تۈزەش كېرەك. مۇھىم نۇقتىلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قارشىلىشىپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، تىپىك دېلولارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاش كېرەك. ساھە مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ ساھە ئىستىلىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساھە ئىستىلىنى ئۇدۇللۇق تەھلىل قىلىش ۋە ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى - ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى، تېبابەت ئەخلاقى - تېبابەت ئىستىلى، سەنئەت ئەخلاقى - سەنئەت ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى ئوبدان تۇتۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى، دۆلەت پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى ۋە تىك لىنىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان ئورۇنلارنىڭ يەرلىك شۆبە ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلاردىكى «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. كارخانىلارغا چېتىشلىق قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. خاھىش بىلەن چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «تۆت خاھىش» ئارقىسىدىكى گۇرۇھۋازلىق، ئادەم سېلىپ ئىش بېجىرىش، نەپ بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، چىرىكلىك دېلوسىدىكى ئىستىل مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش كېرەك. «تۆت خاھىش»نى تۈزەش بىلەن يېڭى ئىستىل تۇرغۇزۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېسىل پارتىيە ئىستىلى، ئېسىل ھۆكۈمەت ئىستىلى ئارقىلىق ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ يۈكسىلىشى، ياخشىلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.
(4) ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىش. قاتتىق بولۇش تەلىپىنى پارتىيە قائىدىسى تۈزۈش، پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە تەربىيەلەش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. ئىنتىزام بولغان ئىكەن جەزمەن رىئايە قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتا جەزمەن قاتتىق بولۇش، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن بىرى بايقالسا بىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، ھەرگىز يۈز - خاتىرە قىلماسلىق، ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەسلىك كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تەشكىلىي ئىنتىزام، پاكلىق ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاتتىق بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەر، ئاجىز ھالقىلار، مۈجمەل جايلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىنتىزام قانۇندىن چىڭ بولۇش، ئىنتىزام قانۇننىڭ ئالدىدا تۇرۇش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىشنى قانۇن ئىجرا قىلىش بىلەن تۇتاشتۇرۇش، قانۇن يۈرگۈزۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدە تۇتۇش، بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىخ خاراكتېرلىك، خاھىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ئەسكەرتىش - تۈزىتىش، كىچىك ئىللەتنىڭ چوڭ مەسىلىگە ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئىنتىزام ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى ۋە قوغدىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلمىغان، ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.
(5) ئىنتىزامنىڭ تەربىيەلەش، چەك قويۇش، كاپالەتلەندۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى ئۇنىۋېرسال جارى قىلدۇرۇش. دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك ئىنتىزام تەربىيەسى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەربىيەلەشتىكى زۆرۈر دەرسلىك قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشقا، نازارەت قىلىنىدىغان ۋە چەكلىمە بولغان مۇھىتتا ئىشلەش ۋە ياشاش ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. پۈتۈن دەۋرىيلىك ئىنتىزام تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەگە كىرىش، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش، ۋەزىپىسى ئالمىشىش، ئائىلىسىدە ئۆزگىرىش بولۇش، خىزمەتتىن ئايرىلىش، پېنسىيەگە چىقىش قاتارلىق ھەرقايسى مۇھىم ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، ئىنتىزامنى ئەسكەرتىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئوخشاش بولمىغان ۋەزىپە، ۋەزىپە دەرىجىسى ۋە ئوخشاش بولمىغان كەسىپتىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا دائىر تەلەپكە ئاساسەن، بىلىشكە، ئىگىلەشكە تېگىشلىك ئىنتىزام ۋە قانۇن - نىزاملارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. يېڭىدىن ئۆستۈرۈلگەن كادىرلار، ھالقىلىق ئىش ئورنىدىكى كادىرلار، ياش كادىرلار قاتارلىق نۇقتىلىق ئوبيېكتلارنى ئىنتىزام جەھەتتىن تەربىيەلەشنى ئوبدان تۇتۇش كېرەك. ئالدىنقىلاردىن ئىبرەت ئېلىپ كېيىنكىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش، كېسەلنى داۋالاپ ئادەمنى قۇتقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش - ئىنتىزام ئىجرا قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»نى تەتبىقلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىرىنچى خىل ھالەت»نى ئوبدان تەتبىقلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قاتلاممۇقاتلام مۇداپىئە سېپى قۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەڭ زور چەكتە تەربىيەلەش، قۇتقۇزۇۋېلىش كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، قائىدىگە، ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئاساسلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈپ، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ قېلىپلىقلىقى، توغرىلىقىنى ئاشۇرۇپ، سىياسىي ئۈنۈم، ئىنتىزام - قانۇن ئۈنۈمى، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىنتىزامنى چىڭىتىش بىلەن كۆڭۈل بۆلۈش - كۆيۈنۈشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش داۋامىدا ئىسلاھ قىلىشى - يېڭىلىق يارىتىشى، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئاقلاش، نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇش كېرەك. بىر تەرەپ قىلىنغان، جازا بېرىلگەن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ ئىگىلەش ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەش - باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
7. چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان قىلىشنى قەتئىي ئېغىشماي بىر گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىش
چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان قىلىشنى بىر گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىش − پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاساسىي فاڭجېنى. پارتىيەنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىدىن باشقا ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەنپەئىتى يوقلۇقىنى، پارتىيەنىڭ چىرىكلىك بىلەن ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالمايدىغانلىقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا قەتئىي ياخشى مېڭىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، قاتتىق جازالاش، دەل جايىدا تۈزەش، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش، بىر گەۋدە بويىچە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىش شەرت.
(1) چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاش. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتىنىڭ ھېلىھەم كەسكىن ۋە مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى يوقىتىش ۋەزىپىسىنىڭ ھېلىھەم مۈشكۈل ۋە ئېغىر ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، چىرىكلىكلا بولىدىكەن جەزمەن قارشى تۇرۇش، خىيانەتچىلىكلا بولىدىكەن جەزمەن تازىلاش، ياماننى جەزمەن يىلتىزىدىن قۇرۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي ھالدا «يولۋاسنى دۇمبالاپ»، «چىۋىننى پالاقلاپ»، «تۈلكىنى ئوۋلاپ»، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە ۋە جەڭگىۋار چىدامچانلىقنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، بىر دەقىقىمۇ توختاپ قالماي، قىلچىمۇ يول قويماي، كۆپىيىشىنى تېخىمۇ كۈچەپ توسۇپ، ساقلىنىپ قالغانلىرىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تۈگىتىپ، چىرىك ئۇنسۇرلارغا قەتئىي يوشۇرۇنغۇدەك جاي قالدۇرماي، «تۆمۈر قالپاقلىق بەگ»، «قىزىل خەتلىك تۆمۈر تەمتەك»نىڭ بولۇشىغا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك. نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق مەسىلە، نۇقتىلىق ئوبيېكتلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھوقۇق مەركەزلەشكەن، مەبلەغ كۆجۈملەشكەن، بايلىق توپلانغان ساھەلەردىكى چىرىكلىك مەسىلىسىنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي مەسىلە بىلەن ئىقتىسادىي مەسىلە گىرەلىشىپ كېتىش، ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن سودىگەرلەر تىل بىرىكتۈرۈۋېلىش، كاپىتال سىياسىي ساھەگە سىڭىپ كىرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ھەر خىل خەۋپ - خەتەرنىڭ ئارقىسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار»، بولۇپمۇ «بىرىنچى باشلىق» چىرىكلىشىش، ياش كادىرلار چىرىكلىشىشنى كۈچەپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جەمەتى چىرىكلىشىش، يېنىدىكىلەر چىرىكلىشىشنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، نەپسىنى يىغمىغان، قولىنى تارتمىغان، ھېچنېمىدىن ھېيىقمايدىغان ئۆز بېشىمچە چىرىك ئۇنسۇرلارنى قەتئىي تازىلاش كېرەك. كۆزلىمە پايدا ئېلىش، كېلىشىملىك پاي ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن ئىلكىگە ئېلىۋېلىش، «ئاق پەلەي»، ھۆكۈمەت خادىمى - سودىگەر «ئايلانما ئىشىك»ى قاتارلىق يېڭىچە چىرىكلىك ۋە يوشۇرۇن چىرىكلىكنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، ئالاقە تورى، مەۋھۇم پۇل، چېگرا ھالقىغان مەبلەغ، بۆلەكلەر زەنجىرى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ قىلىنغان چىرىكلىك قىلمىشلىرىغا قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك. ئامما يېنىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى دائىملىق تۈزەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ، مائارىپ، داۋالاش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار قاتارلىق ساھەلەردىكى مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خىيانەت قىلىش، ئىگىلىۋېلىش، تۇتۇپ قېلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش، يالغان مەلۇم قىلىش، كۆز بوياپ ئېلىۋېلىش، يېۋېلىش، ئېلىۋېلىش، قىسىۋېلىش، تەلەپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، «چىۋىندەك خىيانەتچىلىك، چۈمۈلىدەك چىرىكلىك»نى قاتتىق جازالاپ، قارا - رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشتا «مۇھاپىزەت كۈنلۈكىگە زەربە بېرىپ، مۇناسىۋەت تورىنى بۇزۇپ تاشلاش»نى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇش، قېچىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زاڭ پۇل - مالنى قايتۇرۇۋېلىشنى كۈچەيتىپ، چېگرا ھالقىغان چىرىكلىك دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. پارا ئالغانلار بىلەن پارا بەرگەنلەرنى تەڭ تەكشۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارا بېرىش قىلمىشىنى قائىدە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، نۇقتىلىق پارا بەرگۈچىنى بىرلىشىپ جازالاشنى كۈچەيتىپ، «قورشاپ ئوۋلاش» قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش كېرەك. پاكلىق يوشۇرۇن خەۋپ - خەتىرىنى ئۇدۇللۇق كۆزىتىش - ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىكتىن سىگنال بېرىش ۋە ئۇنى جازالاش ھەمتۈرتكىلىك مېخانىزمى بەرپا قىلىش كېرەك. زور چىرىكلىك دېلولىرى يۈزبەرگەن جاي، تارماق ۋە ئورۇنلارنىڭ زەھەرنى ئۈزۈل - كېسىل تازىلاپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى تۈزەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
(2) ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە چەك قويۇش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش. ھوقۇقنى ئادىل يۈرگۈزۈش، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش، ھوقۇقنى پاك يۈرگۈزۈش، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھوقۇقنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىش، ھوقۇقتىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش كېرەك. ھوقۇق بېرىش، ھوقۇق يۈگۈزۈش، ھوقۇققا چەك قويۇش بىرلىككە كەلگەن، ئېنىق، ئاشكارا، سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدىغان تۈزۈم - مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھوقۇق تەقسىملەش، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەسىلىنى ۋاقتىدا بايقاپ، ئېغىشنى ۋاقتىدا توغرىلاپ، ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىسىگە تېخىمۇ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك سولاش كېرەك. سىياسەت تۈزۈش، كېڭىشىپ تەدبىر بەلگىلەش، تەكشۈرۈش - تەستىقلاش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش - قانۇن يۈرگۈزۈش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى تۇتۇپ، مەسئۇلىيەت، ھوقۇق چېكى، ھوقۇق يۈرگۈزۈش دائىرىسى، خىزمەت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئەركىن ئۆلچەش ھوقۇقىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھوقۇق ئىجارىسى تەسىس قىلىش - ئىزدەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەر، يېڭى ساھەلەردە ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا چەك قويۇش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ھوقۇق تىزىملىكى، ئاساسىي قاتلامنىڭ كىچىك، مىكرو ھوقۇق تىزىملىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش پائالىيىتىگە ئارىلىشىش، كونكرېت دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشقا قول تىقىش ئەھۋالىنى خاتىرىلەش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
(3) پاكلىقنى قەدىرلەپ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاش. يېڭى دەۋر پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەزمۇنى ۋە ۋاسىتىسىنى بېيىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئۆزىنى قەدىرلەش، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش، يالغۇز قالغاندا، كىچىك ئىشلاردا ئېھتىياتچان بولۇش، ئاڭلىقلىق بىلەن چىرىكلىشىش - ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى ئاكتىپ، ساغلام بولغان سىياسىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئۆز ئىچىگە ئالغان غايە - ئېتىقاد، قىممەت ئىدىيەسى، ئەخلاق قارىشى، ئىنتىزام، قانۇن ئېڭى ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردا پاكلىق ئەخلاق - پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. پاكلىق مەدەنىيىتىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى قۇرۇلۇشىغا يۇغۇرۇپ، پاكلىق تەربىيەسىنى خەلق مائارىپى سىستېمىسىغا يۇغۇرۇپ، پاكلىق شەرەپ، ئاچ كۆزلۈك نومۇس دەيدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىش كېرەك. پاكلىق تەشۋىق - تەربىيەسى مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تور ۋە تور سىرتىدا ھەمتۈرتكە بولۇپ، قاتلام، تۈر بويىچە مەزمۇن ۋە ئۇسۇلنى بېكىتىپ، قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. تىرىشچان - پاك تىپلارنىڭ ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولى ۋە ئىنتىزام - قانۇنغا خىلاپ دېلو مىسالىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش، چۆچۈتۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن يېقىن - پاك بولغان ھۆكۈمەت خادىمى - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىپ، ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە يېنىدىكى خىزمەتچىلەرنى قاتتىق تەربىيەلىشى ۋە باشقۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.
(4) چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان قىلىشنى بىر گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ئىگىلەپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشقا دائىر قانۇن - نىزاملارنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان قىلىشقا ئوخشاش ۋاقىتتا كۈچەش، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەش، ھەر تەرەپلىمە كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى كۈچەپ يوقىتىش كېرەك. پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە ئىنتىزام تەكشۈرۈش - رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىش - ماسلىشىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۈتۈن زەنجىرلىك ھەمكارلىشىش ئارقىلىق بىر گەۋدە بويىچە تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دېلو ئارقىلىق تۈزىتىش - تۈزەشكە تۈرتكە بولۇشنى پۇختا تۇتۇپ، زور دېلولاردا بايقالغان ساھە خاراكتېرلىك، سىستېما خاراكتېرلىك چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەپ، دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق تۈزۈم - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈش يوچۇقى، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كۆرۈنمەس رايونى، تۈزۈم بوشلۇقىنى تۈگىتىپ، نازارەت قىلىش، دېلو بېجىرىش، تۈزىتىش، تۈزەش يېپىق ھالقىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. چىرىكلىكنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى، يېڭى ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، رەقەملىك ئىنتىزام - رېۋىزىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت ھوقۇقىنى چوڭ سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق نازارەت قىلىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئۆتۈشمە كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
8. پارتىيەنى تۈزۈم بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قائىدە - نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش
پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش − پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىرى، تۈپ تەدبىرى. پارتىيە نىزامنامىسىنى پۈتۈن پارتىيەنىڭ تۈپ ھەرىكەت ئۆلچىمى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن پارتىيەنى قائىدە - نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىگە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىش شەرت.
(1) پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام، تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. پارتىيە ئىچىدە قائىدە - نىزام تۈزۈش خىزمىتى يىرىك پىلانى ۋە پىلانلىرىنى ئىلمىي تۈزۈش كېرەك. پارتىيە ئىچىدە قائىدە - نىزاملارنى چىقىرىش، تۈزىتىش كىرگۈزۈش، بىكار قىلىش، ئىزاھلاشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سىستېمىلاشتۇرۇش، توپلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يۈرۈشلەشتۈرۈش - جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام، تۈزۈملەرنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈم كەمتۈكلۈكىنى ۋاقتىدا تولۇقلاش كېرەك. ئورناتقان قائىدە - تۈزۈم گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتىلغان بولۇش، قولايلىق، ئەسقاتىدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزاملارنى ئىزاھلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزاملار بىلەن دۆلەتنىڭ قانۇن - نىزاملىرىنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.
(2) تۈزۈمنىڭ ئىجرا كۈچىنى ئاشۇرۇش. تۈزۈمنىڭ قاتتىق چەكلىمىسىنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش، تۈزۈمگە رىئايە قىلىشتا ئالاھىدە بولۇۋالماسلىق، تۈزۈمنى ھەممىگە ئوخشاش ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئاڭلىق ھالدا پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگىنىشى، پارتىيە نىزامنامىسىگە رىئايە قىلىشى، پارتىيە نىزامنامىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى، پارتىيە نىزامنامىسىنى قوغدىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزاملارنى ئاشكارىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام، تۈزۈملەرنى ئۆگىنىش ۋە تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك. تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش ۋە تۈزۈم ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، رايون ئىدارە قىلىش، تارماق ئىدارە قىلىش، ساھە ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش، ئىدارە - ئورۇن ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، تۈزۈمنىڭ ھەر ۋاقىت سۈر - ھەيۋىسى بولۇش، ھەممە يەردە ئۈنۈمى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇيرۇقنى ئىجرا قىلماسلىق، چەكلىگەننى توختاتماسلىقنى قەتئىي تۈزىتىپ، تۈزۈمنى تاللاپ ئىجرا قىلىش، كەم - كوتا ئىجرا قىلىش، ئۆزگەرتىپ ئىجرا قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تۈزۈمنىڭ قۇرۇق ئايلىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
(3) يوشۇرۇن قائىدىنى زور كۈچ بىلەن بۇزۇپ تاشلاش. ئاشكارا قائىدە تۇرغۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىشلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پىرىنسىپقا ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، توغرا يولنى ساقلاپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈش، سىياسەت ئىجرا قىلىش، تۈرنى قولغا كەلتۈرۈش، كادىرلارنى تاللاپ ئىشلىتىش، مۇنەۋۋەر - ئىلغارلارنى باھالاش قاتارلىق جەھەتلەردە يوشۇرۇن قائىدىگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى توسۇش جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. «باشپاناھ تېپىش - يۆلەنچۈك ئىزدەش»، «مۇناسىۋەتنى پىرىنسىپتىن چوڭ بىلىش»، «باغاقچىنى تامغىدىن چوڭ بىلىش»، نەپ بەرمىسە ئىش بېجىرمەسلىك، يەڭ سودىسى قىلىش قاتارلىق قالايمىقان ئەھۋاللارنى قەتئىي تۈزەپ، تاۋار ئالماشتۇرۇش پىرىنسىپى ۋە شەخس بېقىندى مۇناسىۋىتىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى تۇرمۇشنى چىرىتىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. پاش قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سىياسىي ھايانكەش، سىياسىي ئالدامچىلار بىلەن باردى - كەلدى قىلىش ياكى سىياسىي ھايانكەش، سىياسىي ئالدامچى بولۇش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. تۈرداش دېلولارنى تەھلىل قىلىش، ئەسلىنى سۈرۈشتۈرۈش، تۈزىتىش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ئۇدۇللۇق كۆزىتىش، ئۆلچەش، مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىش، تۈزەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشتا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش شەرت. پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى) ئومۇميۈزلۈك نازارەتچىلىكىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك نازارەتچىلىك ئاساسىي گەۋدىلىرىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامىنى ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش - رېۋىزىيە خىزمىتى قوش رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشتە ۋە چىرىكلىك دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بېجىرىشتە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىنى ئاساس قىلىشنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچلەرنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ئەلالاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىنتىزام نازارەتچىلىكى، رېۋىزىيە نازارەتچىلىكى، ۋاكالەت ئاپپاراتى نازارەتچىلىكى، كۆزىتىش نازارەتچىلىكىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ناھىيە، يېزا، كەنتلەرنىڭ نازارەتچىلىك بايلىقى ۋە كۈچىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئاساسىي قاتلام نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دەرىجە ئۆستۈرۈپ نازارەت قىلىش، گىرەلەشمە نازارەت قىلىش قاتارلىق مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ نازارەتچىلىك يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى نازارەت قىلىش بىلەن ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىكى، دېموكراتىك نازارەتچىلىك، مەمۇرىي نازارەتچىلىك، قانۇن يۈرگۈزۈش نازارەتچىلىكى، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى، مالىيە - بوغالتىرلىق نازارەتچىلىكى، ئىستاتىستىكا نازارەتچىلىكى، ئامما نازارەتچىلىكى، ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمتۈرتكە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، نازارەتچىلىك بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆزىتىش خىزمىتى نىزامىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دائىملىق كۆزىتىش، مەخسۇس كۆزىتىش، ھەرىكەتچان كۆزىتىش، دەرىجە ئۆستۈرۈپ كۆزىتىش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، كۆزىتىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كۆزىتىشتىن كېيىنكى «قايتا تەكشۈرۈش» سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى تەتبىقلاشنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش، كۆزىتىپ تەكشۈرۈشتە يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەنتلەرنى كۆزىتىپ تەكشۈرۈشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كۆزىتىشنىڭ ئۇنىۋېرسال نازارەتچىلىكتىكى شەمشەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىش − پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق سىياسىي مەسئۇلىيىتى. پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدىن ئىبارەت تۇتقىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپىسى)نىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتى، پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى) شۇجىسىنىڭ بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتى، رەھبەرلىك بەنزىسىدىكى باشقا ئەزالارنىڭ «بىر ئىش ئورنىدىكى قوش مەسئۇلىيىتى» ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ كونكرېت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇلىدىغان مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش شەرت. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى (پارتىيە گۇرۇپپىلىرى) تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۇتۇشى، كۆڭۈل قويۇپ باشقۇرۇشى، مەسئۇلىيەت زەنجىرىنى چىڭ تۇتاشتۇرۇشى، بېسىمنى قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزۈشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيە كومىتېتلىرى (پارتىيە گۇرۇپپىلىرى) رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى كەم دېگەندە يىلدا بىر قېتىم ئاڭلىشى، ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى (ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ۋاكالەت گۇرۇپپىلىرى) نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى، تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى (ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ۋاكالەت گۇرۇپپىلىرى) يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى(ۋاكالەت ئورگىنى)غا پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى) رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنىڭ، بولۇپمۇ «بىرىنچى باشلىق»نىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئەھۋالى ۋە ئۆزىنىڭ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى كەم دېگەندە يېرىم يىلدا بىر قېتىم دوكلات قىلىشى كېرەك. پارتىيە كومىتېتىدىكى تارماقلار مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىشى، ئۆز تەۋەلىكىنى قاتتىق باشقۇرۇشى، پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا ئۈلگە بولۇشى كېرەك. قاتلام، ساھەلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش، شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باھالاش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىشى كۈچلۈك بولمىغان، ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەنلەرنى قاتتىق جاۋابكارلىققا تارتىش، جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.
تارىخ كەلگۈسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ، كۈرەش ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قاينام - تاشقىنلىققا تولغان ئۇلۇغ سەپەردە، قەتئىيلىك بىلەن ھەقىقەتكە ئىنتىلىپ، باشتىن - ئاخىر ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەش، خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، باشتىن - ئاخىر مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە بولۇش، تارىخىي بۇرچنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، باشتىن - ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەش، تەرەققىيات ئېقىمىغا لايىقلىشىپ، باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىش، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، باشتىن - ئاخىر جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى ساقلاش، ئۆزىنى ساغلاملاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن - ئاخىر جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچكە تولۇش قاتارلىق مۇنەۋۋەر ئالاھىدىلىكلەرنى ياراتتى. 100 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭخۇا زېمىنىدا بارلىققا كەلگەن ئالەمشۇمۇل غايەت زور ئۆزگىرىشلەر پارتىيەمىزنىڭ تارىخقا، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغانلىقىنى، جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. ئۇلۇغ، شەرەپلىك، توغرا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرسىمۇ، ئەسلىي مەقسىتىنى ئۆزگەرتمەي، نىشاننى قەتئىي بېكىتتى ھەم باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىدى، «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىمتىھانغا ئاتلىنىش سەگەكلىكى ۋە قەتئىيلىكىنى مەڭگۈ ساقلاپ، باتۇرلۇق بىلەن نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىپ، ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەر ئۈستىدىن قەتئىي غەلىبە قىلىپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىدۇ!
پۈتۈن پارتىيە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش يولىدا جان كۆيدۈرۈپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش - پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك!
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ