شى جىنپىڭ ئىسپانىيەدە يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ئۆزئارا سوقۇلۇپ رېلىستىن چىقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ ئالتىنچىگە ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى

لى چياڭ ئىسپانىيەنىڭ باش ۋەزىرىگە ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى

2026.10.30 15:23 مەنبە: خەلق تورى

10- ئاينىڭ 29-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىسپانىيەدە يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ئۆزئارا سوقۇلۇپ رېلىستىن چىقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ ئالتىنچىگە ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسپانىيەنىڭ تولېدو ئۆلكىسىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ئۆزئارا سوقۇلۇپ رېلىستىن چىقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، ئېغىر تالاپەت كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن. يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمەن.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ ئىسپانىيەنىڭ باش ۋەزىرى سانچېزغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ