
مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ئومۇمىي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى
ئومۇمىي يىغىن شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ۋە مۇزاكىرە قىلدى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. شى جىنپىڭ «قارار (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» توغرىسىدا ئومۇمىي يىغىنغا ئىزاھات بەردى
ئومۇمىي يىغىن مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 21 - قۇرۇلتىيىنى 2027 - يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا بېيجىڭدا ئېچىشنى قارار قىلدى
ئومۇمىي يىغىن جاڭ شېڭمىننى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا كۆپەيتىپ سايلىدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى 2026- يىل 10-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنى 2026 - يىل 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۆ يۆۋېي فوتوسى
ئومۇمىي يىغىن مۇنداق چاقىرىق قىلدى: پۈتۈن پارتىيە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش - پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10-ئاينىڭ 29-كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى
2026-يىل 10-ئاينىڭ 29-كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى 2026- يىل 10-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن 162 كىشى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرىدىن 117 كىشى قاتناشتى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن ئاساسىي قاتلامدىكى قىسمەن يولداشلار ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملارمۇ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى رىياسەتچىلىك قىلدى. مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.
ئومۇمىي يىغىن شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ۋە مۇزاكىرە قىلدى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. شى جىنپىڭ «قارار(مۇزاكىرە نۇسخىسى)» توغرىسىدا ئومۇمىي يىغىنغا ئىزاھات بەردى.
ئومۇمىي يىغىن مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئومۇمىي يىغىن بىردەك مۇنداق قارىدى: مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئىچكى - تاشقى ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن خىزمىتى ۋە تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى ئالغا سىلجىتىپ، «14 - بەش يىل»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى يەنىمۇ مۇجەسسەملىدى.
ئومۇمىي يىغىن پارتىيەنىڭ 100 نەچچە يىلدىن بۇيانقى كۈرەش مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ غەلىبىسېرى ئىلگىرىلىشى كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا ئىرادە باغلاپ، جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللەردە پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دادىللىق بىلەن ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقنى تۈزىتىپ، ئۆز كۈچىگە ۋە خەلقنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز قۇدرەت تېپىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلانغانلىقىدىن بولدى. ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات داۋامىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش دەپ بىلىپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تىنچلىقتىن قالايمىقانلىشىپ - گۈللىنىشتىن خارابلىشىپ كېتىدىغان تارىخىي دەۋرىيلىكتىن قۇتۇلۇشنىڭ «ھۆكۈمەتنى خەلققە نازارەت قىلدۇرۇش» ۋە «ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش»تىن ئىبارەت ئىككى جاۋابىنى تېپىپ چىقتى، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خاس ئىجادىيىتى بولۇپ، ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تارىخ سەھىپىسىگە مەڭگۈ پۈتۈلىدۇ.
ئومۇمىي يىغىن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرگە يۈكسەك باھا بەردى. ئومۇمىي يىغىن بىردەك مۇنداق قارىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، بىرمەھەل كۆرۈلگەن پارتىيە رەھبەرلىكى ئاجىزلىشىش، مەۋھۇملىشىش، سۇسلىشىش، پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش قاتتىق بولماسلىق، ئەمەلىي بولماسلىق، كۈچلۈك بولماسلىق، پارتىيە ئىچىدىكى بەزى مەسىلىلەر كىشىنى چۆچۈتكۈدەك كەسكىنلىشىپ كېتىشتەك رېئاللىققا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، قەتئىي ئېغىشماي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، پىچاق بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ، قالايمىقانچىلىقنى قاتتىق قانۇن ئارقىلىق تۈزەپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى سىجىل ھەل قىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا كەڭ، بوش، يۇمشاق بولۇش ئەھۋالىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى، ئۇزاقتىن بۇيان توسۇلمىغان بەزى ناتوغرا ئىستىللارنى توسۇپ، كۆپ يىللاردىن بېرى يوقىتىلمىغان بەزى جاھىل ئىللەتلەرنى تۈزەپ، پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدا ساقلىنىۋاتقان ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگەتتى، پارتىيە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى ۋە كۈچەيدى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش يۈز يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كېلىشى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھاسىل بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلق پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈردى.
ئومۇمىي يىغىن مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردە پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش - پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قانداق ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش كېرەك، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق پارتىيەنى قانداق قۇرۇش كېرەك دېگەن زور دەۋر تېمىلىرىنى چۆرىدەپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. بۇ ئىدىيە ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى، بۇ − ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ پارتىيە نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتقانلىقنىڭ زور نەتىجىسى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىيەت تەجرىبىسى ۋە كوللېكتىپ ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى تۈپ قوللانمىغا ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسىگە ئىگە قىلدى.
ئومۇمىي يىغىن مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش نۇرغۇن پايدىلىق شارائىتقا ئىگە بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىگە دۇچ كەلدى. دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى، پارتىيە ئەھۋالىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇشىغا ئەگىشىپ، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ۋەزىپىسى تېخىمۇ مۈشكۈللىشىۋاتىدۇ، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ ئىسلاھات - تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ۋەزىپىسى تېخىمۇ مۈشكۈللىشىۋاتىدۇ، پارتىيەمىزنىڭ ئىلغارلىق ۋە پاكلىقنى ساقلاش ۋەزىپىسى تېخىمۇ مۈشكۈللىشىۋاتىدۇ. بۇلار پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىغا، رەھبەرلىك سەۋىيەسىگە، قوشۇن ساپاسىغا، چىرىكلىشىش - ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا زور خىرىس ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ، پارتىيەمىز دۇچ كەلگەن «تۆت چوڭ سىناق» ۋە «تۆت خەۋپ» ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، كەسكىن. پۈتۈن پارتىيە پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر بىلەن يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ياخشى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى تۈزەپ، ياخشى ھەل قىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا شەكىللەنگەن ياخشى سىياسىي ۋەزىيەتنى ئوبدان مۇستەھكەملىشى، راۋاجلاندۇرۇشى شەرت.
ئومۇمىي يىغىن مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشتا، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ بۇرچ - ۋەزىپىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى نېگىز قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئاۋانگارت ئەترەتلىك خاراكتېرىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاش، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاشنى كۆزدە تۇتۇپ، قاتتىق بولۇش رىتىمىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇشى، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئۆزىنى يېڭىلىشى، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشىنى ئۈزلۈكسىز ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىدىيەۋى يېتەكلەش ئىقتىدارى، ئاممىنى تەشكىللەش ئىقتىدارى، ئىجتىمائىي چاقىرىق ئىقتىدارىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىدىغان، ھەر خىل بوران - چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولغان ھاكىمىيەت بېشىدىكى ماركسىزملىق پارتىيە بولۇشىغا، باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇدرەتلىك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش شەرت.
ئومۇمىي يىغىن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشتا تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى: بۇرچ ۋە ۋەزىپە ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، يۇقىرى تۆۋەننى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنى قائىدە - نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش.
ئومۇمىي يىغىن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: كوممۇنىستلارنىڭ پارتىيەۋىلىكىنى كۈچەيتىپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىپ، يۇقىرى - تۆۋەن تۇتاشتۇرۇلغان، ئىجراسى كۈچلۈك بولغان پۇختا تەشكىلىي سىستېما بەرپا قىلىپ، قىلچە بوشاشماي ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي بىر گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى تۈزۈم بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قائىدە - نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش ۋە پۇختىلاش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىن مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش − پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى. بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئېڭى، پارتىيە ئەزاسىلىق ئېڭى، ئاۋانگارت ئەترەتلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىشنى ئۆمۈرلۈك تېما قىلىپ، غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىش، پارتىيەگە بولغان سادىقلىقىنى مۇستەھكەملەش، خەلقنى كۆزلەش ھېسسىياتىنى چىڭىتىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇش، ئەخلاق - پەزىلىتىنى ساپلاشتۇرۇش، پاك - دۇرۇسلۇقىنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەرگە كۈچ سەرپ قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلىشىغا تۈرتكە بولۇش شەرت. پارتىيەگە سادىق بولۇش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئارقىلىق پارتىيەۋىلىكنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاپ، پارتىيەۋىلىكنى ئىنچىكە پەرقلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىن مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى − پارتىيەمىزنىڭ تۈپ تەشكىلىي پىرىنسىپى ۋە رەھبەرلىك تۈزۈمى، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىش − پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئىچكى تەلىپى. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىگە دائىر تۈرلۈك تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى تولۇق ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغرا مەركەزلەشتۈرۈشنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكى، تۈزۈم ئەۋزەللىكى، خىزمەت ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش شەرت. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، كېڭىشىش قائىدىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، «بىرىنچى باشلىق»نىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشى، ھوقۇق يۈرگۈزۈشىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىن مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇشتا. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كادىرلارنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش، تاللاش - تەيىنلەش، باشقۇرۇش - نازارەت قىلىشنى چىڭىتىپ، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، قابىلىيىتى يۇقىرى، ئىستىلى ئېسىل، ئىنتىزامدا قاتتىق يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش شەرت. ئادەم ئىشلىتىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئادەمنى دەل جايىدا، ئىلمىي تاللاپ - ئىشلىتىپ، كادىرلارنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇشى ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كادىرلارنىڭ ئىش قىلىش، نەتىجە يارىتىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش - تاللاش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، كادىرلارنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش ۋە ياخشى ئىشلىتىش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىن مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى − پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى. ھەرقايسى قاتلام، دەرىجە، ھەرقايسى ساھەلەردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي فۇنكسىيەسى ۋە تەشكىلىي فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە يۇقىرى - تۆۋەن ماسلاشقان، دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش شەرت. مەركىزىي كومىتېت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى گۈللىنىۋاتقان ساھەلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرىنى تۇتاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىن مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش − پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ كۈچلۈك تەدبىرى. پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامىنى تەڭ تۇتۇش، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشنى ئىستىلنى تۇتۇشتىن باشلاپ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش تەجرىبىلىرىنى تەتبىقلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىلنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇپ ۋە پارتىيەنى ئىدارە قىلىپ، ياخشى ئوبراز ئارقىلىق قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش شەرت. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ دائىملىشىشى، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزامنىڭ تەربىيەلەش، چەك قويۇش، كاپالەتلەندۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى ئۇنىۋېرسال جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىن مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان قىلىشنى بىر گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىش − پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاساسىي فاڭجېنى. پارتىيەنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىدىن باشقا ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەنپەئىتى يوقلۇقىنى، پارتىيەنىڭ چىرىكلىك بىلەن ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالمايدىغانلىقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا قەتئىي ياخشى مېڭىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، قاتتىق جازالاش، دەل جايىدا تۈزەش، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش، بىر گەۋدە بويىچە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىش شەرت. چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە چەك قويۇش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، پاكلىقنى قەدىرلەپ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان قىلىشنى بىر گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىن مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش − پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىرى، تۈپ تەدبىرى. پارتىيە نىزامنامىسىنى پۈتۈن پارتىيەنىڭ تۈپ ھەرىكەت ئۆلچىمى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن پارتىيەنى قائىدە - نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىگە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىش شەرت. پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام، تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈم ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يوشۇرۇن قائىدىنى زور كۈچ بىلەن بۇزۇپ تاشلاش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىن مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشتا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش شەرت. پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى)نىڭ ئومۇميۈزلۈك نازارەتچىلىكىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش - رېۋىزىيە خىزمىتى قوش رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى نازارەتچىلىك بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمتۈرتكە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆزىتىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە نازارەت قىلىشتىكى شەمشەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىن مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىش − پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق سىياسىي مەسئۇلىيىتى. پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدىن ئىبارەت تۇتقىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇلىدىغان مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باھالاش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىشى كۈچلۈك بولمىغان، ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەنلەرنى قاتتىق جاۋابكارلىققا تارتىش، جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش شەرت.
ئومۇمىي يىغىن مۇنداق كۆرسەتتى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش − پۈتۈن پارتىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى زور سىياسىي ۋەزىپىسى. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، «قارار»دىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىن مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىلنىڭ ئاخىرى، يېڭى يىلنىڭ بېشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ماكرو سىياسەتتىن ياخشى، تولۇق پايدىلىنىپ، ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل يېڭىلىنىشقا، ئەلالىشىشقا، ياخشىلىنىشقا قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاپ، «15 - بەش يىل»دا ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، ئاساسىي كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ يېڭىدىن ۋەزىپىگە قويۇلغان رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى، بولۇپمۇ «بىرىنچى باشلىق»لارنى سىياسىي نەتىجە قارىشى بويىچە تەربىيەلەشنى ئوبدان تۇتۇپ، ئۇلارنى ئاڭلىق ھالدا ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلققە بەخت يارىتىش، تەدبىرنى ئىلمىي بەلگىلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇش، تىرىشىپ خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەپ سىياسىي نەتىجە يارىتىش جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 21 - قۇرۇلتىيىنى 2027 - يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا بېيجىڭدا ئېچىشنى قارار قىلدى. ئومۇمىي يىغىن مۇنداق قارىدى: پارتىيە 21 - قۇرۇلتىيى پارتىيەمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش يېڭى سەپىرىدە ئېچىلىدىغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي، شۇنداقلا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر كاتتا ئىش. پۈتۈن پارتىيە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ھەممە بىر مەقسەتتە بولۇپ، تەڭ كۈچ چىقىرىپ ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن پارتىيە 21 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.
ئومۇمىي يىغىن جاڭ شېڭمىننى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا كۆپەيتىپ سايلىدى.
ئومۇمىي يىغىن پارتىيە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرىدىن لۇ دۇڭلياڭ، باۋ گاڭ، شىڭ شەنپىڭ، چۈ يىڭپۇ، لۈ جۈن، جۇ تيەنشۇ، جۇ گوشيەن، ليۇ جۈن، ليۇ جيې، ليۇ چياڭنى مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاشنى قارار قىلدى.
ئومۇمىي يىغىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ما شىڭرۇي، لەن تيەنلى، ليۇ جيەنچاۋ، ۋاڭ لىشيا، جىن جۇاڭلۇڭ، لېي فەنپېي، يى خۇيمەن، ۋاڭ شياڭشى، سۈن شاۋچېڭ، لى يۈنزې، فېي دۇڭبىن، ۋۇ شېڭخۇا، يۈ جيەنفېڭ، يۈەن جيې، جاڭ جۇڭياڭ، ۋېن گاڭ، جىن دۇڭخەن، فاڭ خۇڭۋېينىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى قاراپ چىقتى ھەمدە ماقۇللىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ جاڭ يوۋشيا، ليۇ جېنلى، ۋاڭ رېنخۇا، ليۇ چىڭسۇڭ، خۇاڭ مىڭ، لى چياۋمىڭ، لى ۋېي، جاڭ خۇڭبىڭ، ۋاڭ خەيجياڭ، جاڭ لىن، ۋاڭ پېڭ، ليۇ فاچىڭ، ياڭ چېڭ، جۇڭ شاۋجۈن، جاۋ شياۋجې، فاڭ يۇڭشياڭنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى قاراپ چىقتى ھەمدە ماقۇللىدى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ما شىڭرۇي، جاڭ يوۋشيا، ليۇ جېنلى، لەن تيەنلى، ليۇ جيەنچاۋ، ۋاڭ لىشيا، جىن جۇاڭلۇڭ، لېي فەنپېي، يى خۇيمەن، ۋاڭ شياڭشى، سۈن شاۋچېڭ، ۋاڭ رېنخۇا، ليۇ چىڭسۇڭ، خۇاڭ مىڭ، لى چياۋمىڭ، لى ۋېي، جاڭ خۇڭبىڭ، ۋاڭ خەيجياڭ، جاڭ لىن، ۋاڭ پېڭ، ليۇ فاچىڭ، ياڭ چېڭ، جۇڭ شاۋجۈن، جاۋ شياۋجې، فېي دۇڭبىن، ۋۇ شېڭخۇا، يۈ جيەنفېڭ، يۈەن جيې، جاڭ جۇڭياڭ، ۋېن گاڭ، جىن دۇڭخەن، فاڭ خۇڭۋېي، فاڭ يۇڭشياڭغا بەرگەن پارتىيەدىن قوغلاش جازاسىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، لى يۈنزېغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بەردى.
ئومۇمىي يىغىن مۇنداق چاقىرىق قىلدى: پۈتۈن پارتىيە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش - پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ