زۆرۈر تەدبىر قوللىنىمىز! جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىدىكى ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىگە ئىنكاس قايتۇردى

2026.10.30 15:18 مەنبە: خەلق تورى

سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىدىكى ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكى توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

سوئال: ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى جۇڭگونىڭ ئۈچ ئەمەلىي گەۋدىسىنى "ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى"دىكى ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

جاۋاب: بىز مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارغا دىققەت قىلدۇق. جۇڭگودا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش مەۋجۇت ئەمەس، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئىشقا ئورۇنلىشىشتا ئەركىن ھەم باراۋەر، ئۇلارنىڭ ئەمگەك ھوقۇق-مەنپەئەتى قانۇن بويىچە ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار تەدبىرلىرىنىڭ قىلچە پاكىت ئاساسى يوق، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا تەرەپ "كىشىلىك ھوقۇق" قارالمىسىدا ئىزچىل نەيراڭۋەزلىق قىلىپ، "كىشىلىك ھوقۇق"نى دەستەك قىلىپ يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق ۋە زومىگەرلىك قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو بۇنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ، بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

ئامېرىكا تەرەپ يېقىندا جۇڭگونىڭ نۇرغۇن ئەمەلىي گەۋدىلىرىنى ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىدىكى ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنىدى، جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپكە كەسكىن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرغانىدى. لېكىن، ئامېرىكا تەرەپ خاتالىقىنى تونۇشتا يوق، جۇڭگونىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، يېڭى جازالاش تەدبىرىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، جۇڭگونىڭ بىيوتېببىي دورا تېخنىكا كارخانىلىرىنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. ئامېرىكىنىڭ تىزىملىك تۇرغۇزۇش قىلمىشى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشقا خىلاپ بولۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، شۇنداقلا ئىنسانپەرۋەرلىك روھىغىمۇ خىلاپ. ئامېرىكا سىياسىي نەيرەڭۋازلىق ۋە قارا چاپلاپ ھۇجۇم قىلىشنى دەرھال توختىتىشى، جۇڭگو كارخانىلىرىغا يولسىزلىق بىلەن بېسىم ئىشلىتىشنى توختىتىشى كېرەك. جۇڭگو زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، ئۆز مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ