دۆلىتىمىز يەنە بىر قېتىم تەييار ماي باھاسىنى تەڭشەپ تىزگىنلىدى

2026.10.30 15:17 مەنبە: خەلق تورى

10-ئاينىڭ 15-كۈنى دۆلەت ئىچىدە تەييار ماي باھاسى تەڭشەلگەندىن بۇيان، ئوتتۇرا شەرقنىڭ جۇغراپىيەلىك جىددىي ۋەزىيىتى كۈچىيىپ، خەلقئارا بازاردا خام نېفىتنىڭ باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلىدى. دۆلەت ئىچىگە بولغان زەربىنى ئازايتىش ئۈچۈن، دۆلىتىمىز تەييار ماي باھاسىنى يەنە بىر قېتىم تەڭشەش-تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللاندى. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان باھا مېخانىزمى بويىچە ھېسابلىغاندا، 10-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 24 تىن باشلاپ، دۆلەت ئىچىدىكى بېنزىن، دىزېل(ئۆلچەملىك مەھسۇلات)نىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 440 يۈەن ۋە 420 يۈەن ئۆستۈرۈلىدۇ، تۆۋەن ئېقىندىكى خېرىدارلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ۋە تەييار ماي بىلەن بىخەتەر، مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بىر تۇتاش پىلانلىنىپ، ئەمەلىي تەڭشەلگەندىن كېيىنكى باھا 345 يۈەن ۋە 335 يۈەن ئۆستۈرۈلىدۇ.

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەييار ماي ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش كارخانىلىرىنىڭ تەييار ماي ئىشلەپچىقىرىش ۋە يۆتكەشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، بازارنى مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارغا ماسلىشىپ بازارنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ باھا سىياسىتىنى ئىجرا قىلماسلىق قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، بازار تەرتىپىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ