
يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش تىرانسپورت نازارىتى كۆپ تارماق بىلەن بىرلىشىپ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كىچىك، مىكرو تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ئىجارە كەسپىنىڭ قېلىپلىق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى 16 تۈرلۈك تەدبىرى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «تەدبىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. «تەدبىر»دە ھەرقايسى تارماقلاردىن ماسلىشىش، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس تۈزەشنى ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇپ، تۆۋەن باھادا جەلپ قىلىش، ساختا تەشۋىق قىلىش، يۇقىرى باھادا زىيان بېكىتىش، زاكالەت پۇلىنى تۇتۇپ قېلىش قاتارلىق ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش تەلەپ قىلىندى. موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى توردا تەكشۈرۈش تەرتىپىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجارىگە ئالغۇچىنىڭ سالاھىيىتى ۋە موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش كىنىشكىسى ئۇچۇرىنى "1ـ نومۇرلۇق تەكشۈرۈش"كە تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇپ، سالاھىيەت تەكشۈرۈش بىلەن خەۋپ-خەتەرنى ئەسكەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ