
يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش تىرانسپورت نازارىتى كۆپ تارماق بىلەن بىرلىشىپ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كىچىك، مىكرو تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ئىجارە كەسپىنىڭ قېلىپلىق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى 16 تۈرلۈك تەدبىرى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «تەدبىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. «تەدبىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرغا قويۇلدى: ساھە جەمئىيەتلىرى قاتارلىقلار رايون ھالقىغان ئىجارە كارخانىلىرى ھەمكارلىق ئىتتىپاقى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈلۈپ، ئىتتىپاق ئىچىدىكى كارخانىلار ئارا باشقا جايدا ھەقسىز ئاپتوموبىل قايتۇرۇش مۇلازىمىتى يولغا قويۇلۇپ، 2027-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن شىمالىي شىنجاڭ ئايلانما لىنىيەسى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئايلانما لىنىيەسى، ئىلى دەريا ۋادىسى قاتارلىق نۇقتىلىق ساياھەت رايونلىرىدا باشقا جايدا ھەقسىز ئاپتوموبىل قايتۇرۇش تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ 2028-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاپتونوم رايوندىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئارا باشقا جايدا ھەقسىز ئاپتوموبىل قايتۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ