

10-ئاينىڭ 29-كۈنى خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرىنىڭ مېترو 12-لىنىيەسىدە پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاندى. جۇڭگو شەھەر رېلىسلىق قاتناش جەمئىيىتىنىڭ جەزىملەشتۈرۈشىچە، بۇ ھازىرقى دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مېترو ئايلانما لىنىيەسى بولۇپ، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 59.9 كىلومېتىر كېلىدىكەن، 37 بېكەت تەسىس قىلىنغان، ۋۇخەندىكى يەتتە مەركىزىي شەھەر رايونىنى تۇتاشتۇرىدىكەن، خەنكوۋ ۋوگزالى، ۋۇچاڭ ۋوگزالىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۆمۈر يول تۈگۈنىنى تۇتاشتۇرىدىكەن، ھازىر بار بولغان ۋە پىلانلانغان 18 لىنىيەگە ئالماشقىلى بولىدىكەن، پۈتۈن مۇساپىنى بېسىپ بولۇش ئۈچۈن 96 مىنۇت كېتىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ