مامۇق چاپاننى قانداق يۇيۇش كېرەك

مامۇق چاپاننى يۇيۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

2026.10.30 15:09 مەنبە: خەلق تورى

1. مەخسۇس تازىلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى مەخسۇس مامۇق چاپان يۇيۇش ئۇسۇلىنى تاللاش كېرەك، ئەگەر كىرئالغۇدا بۇنداق ئىقتىدار بولمىسا، يېنىك يۇيۇش ئىقتىدارىنى تاللىسىمۇ بولىدۇ.

2. يۇيۇش ۋە قۇرۇتۇش تېمپېراتۇرىسىغا دىققەت قىلىش كېرەك. يۇيغان ۋاقىتتا شۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەككى، بەزى مامۇق چاپانلاردا ئەڭ يۇقىرى سۇ تېمپېراتۇرىسى (مەسىلەن، ئەڭ يۇقىرى يۇيۇش تېمپېراتۇرىسى 30 سېلسىيە گىرادۇس) ئەسكەرتىلىدۇ، سۇ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسىمۇ مامۇقنىڭ ئىقتىدارىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشى مۇمكىن.

3. ئاپتاپقا قاقلاشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر قۇرۇتۇش ماشىنىسىنى ئىشلەتمەي، يېيىپ قۇرۇتۇشنى تاللىغاندا، ئەڭ ياخشىسى سالقىن جايدا قۇرۇتۇش، بىۋاسىتە ئاپتاپقا قاقلىماسلىق كېرەك. قۇرۇتۇش جەريانىدا مامۇق چاپاننى يېنىك ئۇرۇپ، سىلكىپ، ئىچكى قىسمىدىكى مامۇقلارنى تارىتىۋەتسىمۇ بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ