
جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن 29-چېسلا رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بىر مۇخبىر مۇنداق سوئال سورىدى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئۆزلىرىنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى، ياپونىيەدە بىرلىشىپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟
گو جياكۇن: ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشتا رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىقى، باشقا دۆلەتلەرگە قارىتىلماسلىقى ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك. ياپونىيەنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان، تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش نامى بىلەن خەلقئارا قانۇن، دۆلەت ئىچى قانۇن-تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز بۇزۇپ تاشلاپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپكە خىرىس قىلىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، بۇنى قەتئىي توسۇشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ