"چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تېخىمۇ سەگەكلىك بىلەن، قەتئىي ئالغا سىلجىتىش" (باش شۇجىنىڭ خەلقچىل ھېسسىياتى)

2026.10.29 15:17 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرىمىز جاڭ ياڭ

جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: "پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇشى، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئۆزىنى يېڭىلىشى، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك".

چىرىكلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى يول توسار يولۋاس، پۇتلىكاشاڭ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش مەغلۇپ بولۇشقا بولمايدىغان، قەتئىي غەلىبە قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەيدان زور كۈرەش.

بۇ يىل 1-ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: "چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تېخىمۇ سەگەكلىك، قەتئىيلىك بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك".

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەيدىغان، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تېپىپ چىقتى. "بۇ يولدا قەتئىي مېڭىش كېرەك." بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى جەمئىي 800 مىڭ پارچە دېلو تۇرغۇزۇپ، 680 مىڭ كىشىگە جازا بەردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش مەڭگۈ ئاتاكا سىگنالىنى ياڭراتتى.

− جەزمەن يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى تەۋرەنمەي ساقلاش كېرەك.

چىرىكلىك مەسىلىسىگە قارىتا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پوزىتسىيەسى قەتئىي بولۇپ، مۇنداق تەكىتلىدى: "ئەگەر ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى، يامرىشىغا يول قويۇلسا، مۇقەررەر ھالدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇھىتىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، تۈرلۈك يۇشۇرۇن خەۋپ-خەتەر لەرنى پەيدا قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى تەۋرىتىدۇ."

پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش ھەرگىزمۇ بىر كۈچەپلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدىغان "چاقماق تېزلىكىدىكى جەڭ" ئەمەس، بەلكى بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغان "ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ".

"ھازىر، چىرىكلىك مەسىلىسى يەنىلا ئاسان يۈز بېرىۋاتىدۇ، كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ." باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: "جەزمەن يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى تەۋرەنمەي ساقلاش كېرەك. چىرىكلىك بولغانىكەن جەزمەن قارشى تۇرۇش، خىيانەتچىلىك بولغانىكەن جەزمەن يوقىتىش كېرەك، رەزىللىكنى تولۇق يوقىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، چىرىك ئۇنسۇرلارغا يوشۇرۇنىدىغان جاي قالدۇرماسلىق كېرەك."

خەلق رايى ئەڭ چوڭ سىياسىي. "ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى مۇھىم ۋەزىپە سۈپىتىدە دائىملاشتۇرۇپ تۇتۇپ، پۇقرالارغا ھېس قىلدۇرۇش، نەپ يەتكۈزۈش كېرەك."

گۇاڭشى پىڭلې ناھىيەسى چياۋتىڭ يېزىسى شۇاڭچياۋ كەنت ئاھالىسى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: "كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلى يەنە بىر يەرگە كەلدى!" بۇنىڭدىن ئىلگىرى، كەنت كوللېكتىپ تاغلىق مەيدانىنى ئىجارىگە بەرگەندە، كەنت ئاھالىلىرى ھېساباتتا مەسىلە بارلىقىنى بايقىدى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى كەنتكە كىرىپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى، كوللېكتىپ مەبلىغىنى ئىگىلىۋالغان كەنت كادىرلىرىنى پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە بىر تەرەپ قىلدى، تۇتۇپ قېلىنغان ئىجارە ھەققىنى قايتۇرۇپ كەلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، يېزا كوللېكتىپى "ئۈچ خىل مەبلەغ"نى باشقۇرۇش، داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندىنى باشقۇرۇش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى قاتارلىقلارغا بىردىن-بىردىن قاراپ چىقىپ، "كىچىك خىيانەتچىلىك، ئۇششاق چىرىكلىك"نى بىر ـ بىرلەپ جازالاپ، كەڭ ئاممىغا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

− چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى جەزمەن ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا ھەم قەتئىي پوزىتسىيەنى ساقلاش، ھەم ئۈنۈملۈك ۋاسىتە قوللىنىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: "چىرىكلىكنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى، يېڭى ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، ۋاسىتە، شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرلۈك چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ۋاقتىدا بايقاش، دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش، ئۈنۈملۈك تۈزەش كېرەك."

ئىستىل-چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يول.

چۇڭچىڭ ديەنجياڭ ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەلۇم ئورۇندىكى كادىرنىڭ ئوغلىنىڭ توي زىياپىتىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندا، ئۇنىڭ بىر سودىگەر بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇق ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ چىقتى. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەپ-ئىچىشنى تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ديەنجياڭ ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى نۇرغۇن پارتىيەلىك كادىرنىڭ ئىستىل مەسىلىسىنىڭ ئارقىسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

نۇرغۇن دېلو مىساللىرى شۇنى بىلدۈردىكى، ناتوغرا ئىستىل بىلەن چىرىكلىك مەسىلىسى ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدۇ، يىلتىزداش، مەنبەداش. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلەندى: "ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، 'تەڭ تەكشۈرۈش' ئارقىلىق ئىستىل-چىرىكلىك گىرەلىشىپ كەتكەن مەسىلىلەرنى قاتتىق جازالاپ، 'تەڭ تۈزەش' ئارقىلىق ئىستىل-چىرىكلىكنىڭ ئورتاق مەنبەسىنى يوقىتىش كېرەك."

ئەمەلىيەت پېچىدا تاۋلىنىش ئارقىلىق، پارتىيەمىزنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش ۋاسىتىسى بارغانسېرى بېيىدى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئالغا سىلجىتىش شەكلى بارغانسېرى ئىلمىيلەشتى.

− بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشقا جەزمەن تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك.

بالايىئاپەتنى يوقىتىشقا ماھىر كىشى كېسەلنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ تاپىدۇ، كېسەلنى داۋالاشقا ماھىر كىشى كېسەلنىڭ مەنبەسىنى ئۈزىدۇ.

"چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ھەقىقىي ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش" شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىدىكى "14 تە چىڭ تۇرۇش"نىڭ مۇھىم تەرىپى. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: "چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ئاساسىي فاڭجېن، شۇنداقلا يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر."

چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق بويىچە چۆچۈتۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق قەپىسىنى پۇختىلاپ، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىق ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش. ..پارتىيەمىز بۇ ئۈچىگە تەڭ كۈچەش، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەش، ئۇنىۋېرسال كۈچەش ئۈستىدە بوشاشماي ئىزدىنىپ، تېخىمۇ كۆپ تۈزۈم خاراكتېرلىك نەتىجە ۋە تېخىمۇ زور تۈزەش ئۈنۈمىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈردى.

سىچۇەن مېيشەن شەھىرىدىكى سەنسۇسى ئىبادەتخانىسىغا كىرگەندە، چۈشەندۈرگۈچى جانلىق ھالدا مۇنداق دېدى: "كىتاب ئوقۇغاندا دۇرۇس بولۇش، ۋاپادارلىق، مېھرىبانلىق ۋە مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈش، ئادالەت يولىدا مېڭىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە پاك بولۇش. .." 2022 -يىل 6-ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: "جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى ۋە تەپەككۇرىنى قوبۇل قىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك".

مەدەنىيەتنىڭ كۈچى چوڭقۇر ھەم ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ. چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتىكى ئۇل خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭى دەۋردىكى پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، پۇختىلىنىپ، پاكلىقنى ئۇلۇغلايدىغان، چىرىكلىشىشنى رەت قىلىدىغان، ئىقتىسادچىل بولغان، ھەشەمەتچىلىكتىن ساقلىنىدىغان جەمئىيەت مۇھىتى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىنىپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىت قەتئىي يوقىتىلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن-ئاخىر جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يۆلەنچۈكى بولۇپ كەلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يىل "1-ئىيۇل"دا قىلغان مۇھىم سۆزىدە پارتىيەمىزنىڭ ئالتە چوڭ مۇنەۋۋەر ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر خۇلاسىلىدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى "ئۆزىنى كۈچەيتىش، ساغلاملاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن-ئاخىر ھاياتىي كۈچكە تولۇش" بولۇپ، "قەتئىي تۈردە پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ئامىللارنى تازىلاپ، پارتىيەنىڭ ساغلام ئورگانىزمىنى چىرىتىدىغان بارلىق ۋىرۇسلارنى تازىلاپ، ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ قۇدرەت تېپىش كېرەك" دەپ كۆرسەتتى.

"مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن".

2022-يىل 10-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: "كوممۇنىستلار ماتېرىيالىزمچى، قورقۇش دېگەننى بىلمەيدىغان تۇرسا، نېمىدىن قورقاتتى؟ ئۇلار بوران-چاپقۇن، دەھشەتلىك دولقۇنلارنىڭ سىنىقىنى قوبۇل قىلالايدۇ، مەن دەيمەنكى 'ھەققانىيەت مەن تەرەپتىلا بولىدىكەن، ئون مىليون ئادەم يولۇمنى توسسىمۇ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمەن'! قورققۇدەك ھېچ ئىش يوق."

يېڭى سەپەردە، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەتئىيلىك، كەسكىنلىكنى ساقلىساقلا، بىز چوقۇم چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ، ئومۇمىي جەڭنى ياخشى قىلىپ، دۇرۇس ئىستىل، توغرا كەيپىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىنى قوغدىيالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ