پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىر سائەتلىك ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە چوڭ دەرسىگە قاتناشتى

ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلاردىن، ئەۋج ئالدۇرغۇچىلاردىن، ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولايلى

2026.10.29 15:16 مەنبە: خەلق تورى

خەلق گېزىتى مۇخبىرى دىڭ ياسۇڭ، جاڭ يىفۇ

ئۇزۇن سەپەر بىر ئۆچمەس مەنىۋى ئابىدە.

باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: "ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ،داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، جەسۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلار ياراتقان ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا جاسارەت بىلەن يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك!"

10-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەركىزىي كومىتېت تور-ئۇچۇر ئىشخانىسى، خەلق گېزىتخانىسى ئۇيۇشتۇرغان "بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ شۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە خاس ئۇزۇن سەپىرى بولىدۇ" دېگەن تېمىدىكى ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە چوڭ دەرسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆتۈلدى. 10-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، ئۇزۇن سەپەر ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە چوڭ دەرسىنى مەكتەپتە ئۆگەنگەنلەرنىڭ سانى 115 مىليونغا يەتكەن، خەلق گېزىتى تېرمىنالىدا قويۇلۇش مىقدارى 26 مىليوندىن ئاشقان.

دەرس باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ (ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ)، ئالىي مەكتەپتىن ئىبارەت تۆت سەھىپىگە ئايرىلىپ، ئايرىم-ئايرىم "تاغنى تالقان قىلىدىغان جاھان مۆجىزىسى"، "قەتئىي ئىرادە بىلەن پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان جەزمەن غەلىبە قىلىش ئېتىقادى"، "پولاتتەك تاۋلانغان مەنىۋى ئابىدە"، "يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىش" قاتارلىقلار باش تېما قىلىنىپ، كەڭ ئوقۇغۇچىلارنى دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان ئاشۇ ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەرگە باشلاپ كىردى.

بۇ تارىخنى ئەسلەيدىغان بىر قېتىملىق دەرس بولدى: ئۇزۇن سەپەر تاغنى تالقان قىلىدىغان جاھان مۆجىزىسى.

باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسخانىسىدا، جياڭشى خۇارۇڭ رۈيجىن ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىسى جۇڭ يۆمىڭ بىر قىيىن مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ساۋاقداشلارنى 1935-يىلىدىكى خەتەرلىك پەيتكە قايتۇرۇپ كەلدى: قىزىل ئارمىيە دادۇ دەرياسىنى كېسىپ ئۆتكەندە، كەينىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقان ئەسكەرلەر قەدەممۇقەدەم قىستاپ كەلدى، قانداق قىلىش كېرەك؟

كۆرۈنۈش قىزىل ئارمىيەنىڭ لۇدىڭ كۆۋرۈكىنى تارتىۋېلىشى خاتىرە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى شيا يۈنگە توغرىلاندى. شيا يۈن كۆرگەزمە تېمىدىكى "بىر كېچە-كۈندۈزدە 240 چاقىرىم يول يۈرۈش" دېگەن بىر قۇر خەتنى كۆرسەتتى.

قارا يامغۇر ياغماقتا، تاغ يوللىرى تىك ھەم تار، جەڭچىلەر قورسىقى ئاچسا خام گۈرۈچ چايناپ، ئۇسسىسا يامغۇر سۈيىنى ئىچىپ، لۇدىڭ كۆۋرۈكىگە ئۆز قەرەلىدە يېتىپ باردى.

شيا يۈننىڭ تەسىرلىك بايانىدىن بالىلار ئۇزۇن سەپەردىكى مۆجىزىلەرنى قىزىل ئارمىيە كوماندىر-جەڭچىلىرىنىڭ پولاتتەك ئىرادىسىگە تايىنىپ بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى چۈشەندى.

بۇ ئېتىقادنى مۇستەھكەملەيدىغان بىر قېتىملىق دەرس بولدى: قەتئىي تۈردە پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، غايە-ئېتىقادقا ئەگىشىپ مېڭىش كېرەك.

جۇڭگو خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي مۇزېيىدا، گۇيجۇ ئۆلكىسى لۇڭلى ناھىيەسى بەيشىڭ مىللەتلەر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىسى پېي كېيۈن ئوقۇغۇچىلارغا ئۆڭۈپ كەتكەن بىر پارچە ۋەسىيەتنى تونۇشتۇردى. 1934-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى، ماۋ زىدۇڭ بىلەن يولداش جۇ دې خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ رۇچېڭ شەھىرىدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ: "كوممۇنىستىك پارتىيە تەشەببۇس قىلغان سوۋېت بىلەن قىزىل ئارمىيە سىلەرنىڭ چىقىش يولۇڭلار" دەپ كۆرسەتكەن.

"بۇ سائەتلىك دەرس ماڭا ئىنقىلابنىڭ جەزمەن غەلبە قىلىدىغانلىقىدەك قەتئىي ئېتىقادنى چۈشەندۈرۈپ بەردى" دېدى گۇاڭشى نەننىڭ پېيخۇڭ مىللەتلەر ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى جۇ چىڭلىن چوڭقۇر تەسىرات بىلەن.

بۇ كۈچ ئۇلاپ ۋارىسلىق قىلىنىدىغان بىر قېتىملىق دەرس بولدى: يېڭى سەپەر — يېڭى ئۇزۇن سەپەر.

شەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھەرلىك 26-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىسى چېن خۇافېي ئوقۇغۇچىلارغا گېنېرال ليۇ خۇاچىڭنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى: ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا 18 ياشلىق ليۇ خۇاچىڭ ئۇرۇشتا پۇتى ئېغىر يارىلانغان بولسىمۇ، يارىلانغان پۇتىنى سۆرەپ، چوڭ قىسىمغا ئەگىشىپ ئۇزۇن سەپەرنى تاماملىغان. نەچچە ئون يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئەينى يىللاردىكى كىچىك قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى جۇمھۇرىيەتنىڭ گېنېرالى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىپ، كىشىنى ناھايىتى تەسىرلەندۈرىدىغان مۇنداق قەسەم بەرگەن: "جۇڭگو ئاۋىياماتكىنى تەرەققىي قىلدۇرمىسا، ئۆلسەممۇ كۆزۈم يۇمۇلمايدۇ!"

ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان ئاۋىياماتكىدىن دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن غايەت زور ئاۋىياماتكىغىچە، جۇڭگو ئاۋىياماتكىسى دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى. دەرسخانا فۇجيەن ئاۋىياماتكىسىنىڭ خادىمى باۋ يۈ بىلەن توردا تۇتاشتۇرۇلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: "جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاۋىياماتكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش گېنېرال ليۇ خۇاچىڭ تاماملىيالمىغان ئارزۇ. بۇ ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك"

"نەچچە ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى نېمە ئۈچۈن ئايىغى ئاستىدىكى يولنى 'ئۇزۇن سەپەر" دەپ ئاتايدۇ؟' شياڭتەن داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى يۈ نىڭياۋ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: "جاۋاب دەل ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچتا. پارتىيەمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كەلگۈسى ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا ئىرادە باغلىغان بولۇپ، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپمۇ ئەسلىي مەقسىتىنى ئۆزگەرتمىدى، جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپمۇ خىسلىتىنى يەنىلا ئۆزگەرتمىدى."

ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرستە قانداق قىلغاندا قائىدىنى چوڭقۇر، چۈشىنىشلىك، جانلىق سۆزلىگىلى بولىدۇ؟

دەرس تەييارلاش جەريانىدا، كوللېكتىپ ئوقۇتۇش لايىھەسىنى ئۈزلۈكسىز مۇھاكىمە قىلدى: بۇ تارىخىي كۆرۈنۈش، بۇ قائىدىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە سىڭەلەمدۇ؟ ئوقۇتقۇچىلار تارىخىي ماتېرىياللارنى چوڭقۇر قېزىپ، كاتتا بايانلارنى ھېس قىلغىلى بولىدىغان ھەقىقىي ھېكايىلەرگە سىڭدۈرۈشكە تىرىشتى.

"قىزىل تارىخنى سۆزلىگەندە، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى جانلىق ئادىمىيلىك ۋە تاللاشنى نامايان قىلىش كېرەك" دېدى چۇڭچىڭ پەن-تېخنىكا داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى دى يانا.

ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ بىلىش، ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئوقۇش باسقۇچى ئارىسىدىكى ئادەم تەربىيەلەشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى قانداق ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟

ئۇزۇن سەپەر لىنىيەسى بويىدىكى ئۆلكىلەردىن كەلگەن ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ بىر گەۋدىلەشكەن ئون ئوقۇتۇش كوللېكتىپى مەركەزلىك مۇھاكىمە قىلىپ، مەزمۇنى تەدرىجىي ئىلگىرىلەيدىغان بىر گەۋدىلەشكەن ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى لايىھەلەپ چىقىپ، ساھە ھالقىپ دەرس ئۆتۈشنى سىناپ باقتى.

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسخانىسىدا، غەربىي جەنۇب قاتناش داشۆسىنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىسى مېڭ خاۋ مەكتەپ ھالقىغان ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دەرس ئۆتۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇزۇن سەپەر ھېكايىلىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىدىيەۋى تەسىرگە ئىگە قىلدى.

تارىخنى ئەسلەش جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتىكى ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەتنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈندۇر.

"مەن ياخشى قىزىل تەشۋىقاتچى بولىمەن، ئۇزۇن سەپەر ھېكايىلىرىنى ساۋاقداشلىرىمغا، ئائىلەمدىكىلەرگە ۋە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە سۆزلەپ بېرىمەن"، "مەن ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىغا ئاتلىنىمەن، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئەمەلىي ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن" ... دەرستىن كېيىن، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەسىراتلىرىنى كەڭ-كۇشادە سۆزلەشتى. ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىغا ۋارىسلىق قىلغۇچى، ئۇنى ئەۋج ئالدۇرغۇچى، ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇشقا ئىرادە باغلىدى.

90 يىل ئىلگىرى، قىزىل ئارمىيە كوماندىر-جەڭچىلىرى مۈشكۈل ئەھۋالدا ئۈمىد يولىنى تېپىپ چىقتى؛ 90 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، زامان ۋە ماكان ھالقىغان بۇ مەنىۋى كۈچ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قەدەمگە ئايلىنىپ، شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان يىراق سەپەرگە ئاتلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ