يولداش ليۇ يەندۇڭ ۋاپات بولدى

2026.10.29 15:11 مەنبە: خەلق تورى

يولداش ليۇ يەندۇڭنىڭ سۈرىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10-ئاينىڭ 28-كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، پارتىيەمىزنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ، پەن-تېخنىكا، داۋالاش-سەھىيە، ئاياللار، بالىلار خىزمىتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 17-نۆۋەتلىك، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سابىق دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەننىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭلىسى يولداش ليۇ يەندۇڭ كېسەل سەۋەبىدىن 2026-يىل 10-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 14 تىن 53 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭدا 81 يېشىدا ۋاپات بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ