
شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئىسپانىيەنىڭ ئىككى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزى بۇ دۆلەتنىڭ تولېدو ئۆلكىسىنىڭ ئۇردا شەھىرىدە سوقۇلۇپ كەتتى، ئىككى پويىزغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 147 يولۇچى ۋە 397 يولۇچى ئولتۇرغان، ھادىسىدە 50 ئادەم قازا قىلغان، 179 ئادەم يارىلانغان.
ھادىسە يۈز بەرگەن پويىزدىكى بىر جۇڭگو پۇقراسى ئۆزى بىلەن بىللە ماڭغان ئۈچ جۇڭگو پۇقراسىدىن بىرىنىڭ يېنىك يارىلانغانلىقىنى، پويىزدىكى يولۇچىلارنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ