
10-ئاينىڭ 28-كۈنى، مۇخبىرنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ 16-نۆۋەتلىك توغراق مەدەنىيەت-ساياھەت پەسلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. پائالىيەتتە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى، مىللەتلەر ئۆرپ-ئادەت مۇسابىقىسى، مەززىلىك تائاملار بىلەن ئەمەلىي مەنزىرە ئويۇنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ، يىپەك يولى مەدەنىيىتى بىلەن توغراقنىڭ سېھرىي كۈچى مەركەزلىك نامايان قىلىنىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ