شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ لۇلانىڭ بىرازىلىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2026.10.28 16:15 مەنبە: خەلق تورى

10-ئاينىڭ 27-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لۇلاغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ بىرازىلىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ لۇلا جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن زۇڭتۇڭ لۇلا بىلەن ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ ئادىل دۇنيا ۋە تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان پىلانېتا بەرپا قىلىدىغان جۇڭگو-بىرازىلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئورتاق يېتەكچىلىك قىلدۇق، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ دۇنياۋى خاراكتېرى، ئىستراتېگىيەلىك خاراكتېرى، ئۇزاق مەزگىللىك خاراكتېرى تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. مەن جۇڭگو ـ بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ لۇلا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو ـ بىرازىلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ كەڭ ئىستىقبالىنى يارىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى خالايمەن.

شۇ كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ بىرازىلىيەنىڭ ئۇدا سايلانغان مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ئالكمىنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ