شى جىنپىڭ ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى فۇتيەن كاڭفۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2026.10.28 16:15 مەنبە: خەلق تورى

10-ئاينىڭ 27-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى فۇتيەن كاڭفۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، فۇتيەن كاڭفۇنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى، ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن ھال سورىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: فۇتيەن ئەپەندى ياپونىيەدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغان، ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان، مەسئۇلىيەتچان سىياسىيون، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى، ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو ـ ياپونىيە دوستلۇقىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، توغرا بولغان تارىخ قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن، ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە جۇڭگو تەرەپ بىلەن جۇڭگو ـ ياپونىيە 4-سىياسىي ھۆججىتىنى ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم پىرىنسىپنى ئايدىڭلاشتۇرغان. فۇتيەن ئەپەندى ئىلگىرى بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ كېڭەش باشلىقى بولغان، ئاسىيا رايونىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان. جۇڭگو تەرەپ فۇتيەن ئەپەندىنىڭ جۇڭگو ـ ياپونىيە مۇناسىۋىتى ۋە ئاسىيانىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلايدۇ. ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ فۇتيەن ئەپەندىنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو ـ ياپونىيە دوستلۇق ئىشلىرىغا داۋاملىق كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ياپونىيە ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد سىياسىيونلارنىڭ يۈرەك قېنى ۋە تىرىشچانلىقىنى قەدىرلەپ، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ تۆت سىياسىي ھۆججىتىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى ھەقىقىي قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ