
جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن ئامېرىكىنىڭ كۇڭزى شۆيۈەنىنى "دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەھدىتى" قاتارىغا كىرگۈزگەنلىكىگە قارىتا 10-ئاينىڭ 26-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق بىلدۈردى: بىز كۇڭزى شۆيۈەنىگە قارا چاپلاش ۋە نامىغا داغ تەگكۈزۈشكە قارشى تۇرىمىز، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، قوش يۆنىلىشلىك، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئىش، كاشىلا ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماسلىقى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ