ئالتە تارماق كونا كوچا، زاۋۇت رايونلىرىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتتى

2026.10.27 15:53 مەنبە: خەلق تورى

تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق ئالتە تارماق يېقىندا بىرلىكتە «كونا كوچا، زاۋۇت رايونلىرىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ شەھەر سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆي ۋە شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرى كونىراپ كەتكەن، ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە ئاممىۋى بوشلۇق كەمچىل بولغان، فۇنكسىيەلىك كەسىپ ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدىغان كوچا، زاۋۇت رايونلىرىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئوبيېكتى قىلىپ، ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش دائىرىسى ۋە يولغا قويۇش تەرتىپىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ بېكىتىشنى تەلەپ قىلدى.

پىكىرگە ئاساسلانغاندا، تۈرلۈك كونا كوچا، زاۋۇت رايونلىرىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە بەش چوڭ مۇھىم نۇقتا بار ئىكەن: كونا زاۋۇت رايونلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش؛ كونا سودا كوچا رايونلىرىنىڭ كەسىپ ھالىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش؛ كونا تۇرمۇش كوچا رايونلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش؛ كونا قاتناش تۈگۈنى ۋە ئەتراپتىكى كوچا رايونلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش؛ تارىخ-مەدەنىيەت كوچا رايونلىرى ۋە بازار رايونلىرىنى قوغداش ۋە پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ