تۆمۈريول 12306 يېڭى ئىقتىدارى يولغا قويۇلدى، كوللېكتىپ بېلەت سېتىۋېلىش تېخىمۇ قولايلاشتى

2026.10.27 15:53 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ جۇڭگو دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 10-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ، تۆمۈريول 12306 ئابۇنىچىلار تېرمىنالىغا (تور بېكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) "كوللېكتىپ بېلەت كەسپى ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى سۈرۈشتۈرۈش" ئىقتىدارى يېڭىدىن قوشۇلدى. يولۇچىلار تۆمۈريول 12306 ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنىڭ "ئىللىق مۇلازىمەت" بۆلىكى ۋە تور بېكىتىنىڭ "ئۇچۇر سۈرۈشتۈرۈش" بۆلىكىدىن كوللېكتىپ بېلەت بېجىرىش بېكىتى، ئىش بېجىرىش تېلېفونى ۋە تىجارەت ۋاقتىنى ئىزدىسە بولىدۇ.

ئېھتىياجى بار يولۇچىلار تېلېفون ئارقىلىق يېقىن ئەتراپتىكى ۋوگزال خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سورىسا، كوللېكتىپ بېلەت كەسپىنى بېجىرسە بولىدۇ. خىزمەتچى خادىملار پويىز قوزغىلىشتىن 3 كۈن ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولغان، شۇنداقلا پويىزغا ئولتۇرۇش ۋاقتى، پويىز قېتىمى، يولغا چىقىش بېكىتى، يېتىپ كېلىش بېكىتى ۋە ئورۇن ئايرىمىسى ئوخشاش بولغان 20 كىشى ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق كوللېكتىپ يولۇچىلارغا پويىز بېلىتى سېتىۋېلىش مەسلىھەتى ۋە بېجىرىش مۇلازىمىتىنى تەمىنلەيدۇ.

تۆمۈريول كوللېكتىپ بېلەت بېجىرىش ۋوگزاللىرى كوللېكتىپ يولۇچىلارنىڭ پويىز بېلىتى سېتىۋېلىش كەسپىنى داۋاملىق نەق مەيداندا قوبۇل قىلىدۇ، تۈرلۈك تەتقىقات-ئۆگىنىش، ئويۇن قويۇش، مۇسابىقە قاتارلىق ئىشلارغا قاتنىشىدىغان كوللېكتىپ يولۇچىلارنىڭ مەركەزلىك بېلەت سېتىۋېلىپ سەپەرگە چىقىشى تېخىمۇ قولاي بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ