گېرمانىيەدىكى 3000 دىن ئارتۇق ئادەم ئولتۇرغان ساياھەت پاراخوتى پاراخوتقا سوقۇلۇپ كەتتى

2026.10.27 15:51 مەنبە: خەلق تورى

ناچار ھاۋارايى سەۋەبىدىن، گېرمانىيەنىڭ شىمالىي دېڭىز قىرغىقىدىكى برېمېن پورتىدا 25-ئۆكتەبىر ساياھەت پاراخوتى بىلەن يۈك ساندۇقى پاراخوتى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، بەختكە يارىشا ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن. ساقچى تەرەپ ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى باشلىغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ۋەقەگە چېتىشلىق "مېين شىف 3-نومۇر" ناملىق ساياھەت پاراخوتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 293 مېتىر بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە 2428 يولۇچى ۋە 922 پاراخوت خادىمى بار ئىكەن. ساياھەت پاراخوتى تىجارەتچىسى گېرمانىيە تۇي ساياھەت پاراخوتى شىركىتىنىڭ ئېيتىشىچە، "مېين شىف 3-نومۇر" پورتتىن ئايرىلغاندا ھادىسىگە ئۇچرىغان، لېكىن پەقەت بىرلا يۈك ساندۇقى پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ھازىر ساياھەت پاراخوتى پورتقا قايتىپ كەلگەن، كەسپىي خادىملار زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىنى باھالاۋېتىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ