مەركىزىي كومىتېتنىڭ 15 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى كىرىپ ئورۇنلىشىشنى تاماملىدى، پاش قىلىش ئۇسۇلى ئېلان قىلىندى

2026.10.27 15:50 مەنبە: خەلق تورى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، يېقىندا 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 8-نۆۋەتلىك كۆزىتىشى كىرىپ ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى تاماملىدى. مەركىزىي كومىتېتنىڭ 15 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە مەركەز باشقۇرۇشىدىكى 31 ئالىي مەكتەپنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى دائىملىق كۆزىتىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، مەركىزىي كومىتېتنىڭ 15 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى كۆزىتىلىدىغان ئورۇندا ئىككى ئاي ئەتراپىدا خىزمەت قىلىدىكەن، كۆزىتىش مەزگىلىدە مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى ۋە پوچتا خەت ساندۇقى تەسىس قىلىدىكەن، ئاساسلىقى كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرى، بىر دەرىجە تۆۋەن پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنىڭ مەسىلىسى ئىنكاس قىلىنغان خەت، تېلېفون، زىيارەتنى قوبۇل قىلىدىكەن، سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام، پاكلىق ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پاش قىلىش ۋە ئىنكاسلار مۇھىم نۇقتا قىلىدىكەن. كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەرز-شىكايەت قوبۇل قىلىش ۋاقتى 2026-يىل 12-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ