
شىزاڭنىڭ باچىڭ ناھىيەسىدە 7.0 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسىنىڭ نەق مەيدان خىزمەت ئەترىتى تۈنۈگۈن (25-ئۆكتەبىر) يەر تەۋرەش مەركىزىدىن شەرق تەرەپكە قاراپ تەخمىنەن 15 كىلومېتىر كېلىدىغان، مارۇ يېزىسىغا 20 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتىكى يەر يۈزى يېرىلىش بەلبېغىنى تۇنجى قېتىم بايقىدى.

تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ئاساسلىقى نورمال ئۈزۈلمە يېرىلىش كۆرۈلگەن بولۇپ، سول يۆنىلىشتە ئايلىنىپ سىيرىلىشمۇ كۆرۈلگەن، يېرىلىش يۈزى تىك بولۇپ، ئەڭ چوڭقۇر بولغاندا تەخمىنەن 3.5 مېتىر كېلىدىكەن، ئوڭ-سولغا تەخمىنەن 0.9 مېتىر سىيرىلغان، يېرىلىش بەلبېغىنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن 30-8 مېتىر بولغان. يېرىلىشنىڭ جەنۇب-شىمال ئىككى تەرىپى قارلىق تاغقىچە سوزۇلغان. تەكشۈرۈشتە يەنە نۇرغۇن جايدا قۇم-توپىلار سۇيۇقلىنىش، يەر يېرىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار بايقالدى، بۇ بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش كەلتۈرۈپ چىقارغان يەر تەۋرەش گېئولوگىيەلىك ئاپىتىنىڭ تەسىر دائىرىسىنىڭ بىرقەدەر كەڭ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ