دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئالەم بوشلۇقى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزىمىز

2026.10.27 15:47 مەنبە: خەلق تورى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن 26-ئۆكتەبىر رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئوچۇق، ئىجابىي بولۇش روھىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ئالەم بوشلۇقى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزىدۇ.

گو جياكۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالەم بوشلۇقى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق زېمىنى، تاشقى بوشلۇق ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئىشى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 23-ئۆكتەبىر 2026-يىللىق دۇنياۋى ئىدارە قىلىش مۇنبىرى (شيۇڭئەن) نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا «ئالەم بوشلۇقىنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى جۇڭگو مەيدانى»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى جاكارلاپ مۇنداق دېدى: بۇ جۇڭگونىڭ تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاشقى بوشلۇق ساھەسىدە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان زور تەدبىرى.

گو جياكۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەيدان ھۆججىتىدە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق قىممەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تۈپ ئاساس قىلىنىپ، تاشقى بوشلۇقنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىخەتەرلىكىگە، تاشقى بوشلۇقنىڭ مۇقىملىقى بىلەن ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش تەشەببۇس قىلىنىپ، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇش، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، خەلقئارا قانۇنچىللىققا رىئايە قىلىش، ئىجادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئورتاق بىخەتەرلىكنى قوغداش، قوراللىق توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خاتا چۈشەنچە، خاتا ھۆكۈمنى ئازايتىش، سودا خاراكتېرلىك ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق ئون تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

گو جياكۇن مۇنداق دېدى: "مەيدان ھۆججىتىدە ھەرقايسى تەرەپلەر ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تاشقى بوشلۇقنىڭ تەرەققىياتى، بىخەتەرلىكى ۋە ئىدارە قىلىنىشىغا دائىر مەسىلىلەر ھەققىدە ئىجابىي ھەل قىلىش پىكىر يولى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئالاقىدار مۇزاكىرە ۋە قائىدە تۈزۈشنى قانات يايدۇرۇشىغا لايىھە تەمىنلەندى. جۇڭگو تەرەپ ئوچۇق، ئىجابىي بولۇش روھىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، تاشقى بوشلۇق تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزىدۇ."

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ