
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن 26-ئۆكتەبىر رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر جۇڭگو تەرەپنىڭ چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرىگە ھەمراھ بولۇپ دەندۇڭدا زىيارەتتە بولغانلىقى توغرىسىدا سوئال سورىدى.
گو جياكۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئۆزئارا دوست قوشنىلار، جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداش، ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش باشتىن-ئاخىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنى. جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق-ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، شۇنداقلا رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە پايدىلىق. جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ