چېن شياۋجياڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلاندى

2026.10.26 15:24 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-ئومۇمىي يىغىنى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى چېن شياۋجياڭنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلىدى، ئەركىن تۇنىياز (ئۇيغۇر)، خې جۇڭيوۋ، جاڭ يىڭچۇن (ئايال)، ۋاڭ لىننى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا سايلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغانلاردىن يەنە ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت (ئۇيغۇر)، ئېلزات ئەخمەتجان (ئۇيغۇر)، قادېن كەبىن (قازاق)، لى گاڭ، قەيسەر ئابدۇكېرىم (ئۇيغۇر)، ليۇ چۈنلېي، نيې جۇاڭ، لى گولياڭ قاتارلىقلار بار.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنى ليۇ چۈنلېي ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا، ۋاڭ شىنجۈن، لى شياۋلىن، رەيھانگۈل ئاسىم (ئايال، ئۇيغۇر)، روزا نۇقسىنبېك (ئايال، قازاق)نى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا سايلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ