ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتىكى بايقاش: چىن شىخۇاڭ لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرىنى ياساشقا ئاياللارمۇ قاتناشقان بولۇشى مۇمكىن

2026.10.26 15:20 مەنبە: خەلق تورى

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مۇخبىرنىڭ 23-چېسىلا چىن شىخۇاڭ مەقبەرىسى مۇزېيىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ مۇزېي شەندۇڭ داشۆسى ئارخېئولوگىيە شۆيۈەنى بىلەن ھەمكارلىشىپ چىن شىخۇاڭ لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرىنى ياسىغۇچىلارنىڭ يېشى ۋە جىنس قۇرۇلمىسىغا مۇناسىۋەتلىك بىر تۈرلۈك تەتقىقاتنى تاماملىغان. ساپال ھەيكەللەرنىڭ يۈزىدىكى بارماق ئىزى ئاساسىدىكى بۇ تەتقىقات يېقىندا خەلقئارا مەدەنىيەت مىراسلىرى تەتقىقات ژۇرنىلى «مەدەنىيەت مىراسلىرى ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان، تەتقىقاتتا چىن شىخۇاڭ لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرىنى ياساشقا ئاياللار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ قاتنىشىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى بايقالغان.

تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى بارماق ئىزى ئەۋرىشكىسىدە، قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ بارماق ئىزى تەخمىنەن %45نى، قۇرامىغا يەتكەن ئاياللارنىڭ بارماق ئىزى تەخمىنەن %32.7 نى، 15 ياشتىن تۆۋەن ئۆسمۈرلەرنىڭ بارماق ئىزى تەخمىنەن %22.3 نى ئىگىلىگەن. بۇ ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ تۇنجى قېتىم مىقدارلاشتۇرۇلغان بىيولوگىيەلىك ئىسپات ئارقىلىق ئېنىقلىشى بولۇپ، چىن شىخۇاڭ ھەيكەللىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەر ئاساس قىلىنغان، ئەمما قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەر يالغۇز تاماملىمىغان، ئاياللار بىلەن ئۆسمۈرلەرمۇ ھەيكەللەرنى ياساش، يۆتكەش ياكى قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ئىش تەرتىپلىرىگە قاتناشقان بولۇشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ