
2025-يىلى پۈتۈن بىر يىلدا، مەملىكەت بويىچە تۇغۇلغان نوپۇس 7 مىليون 920 مىڭغا يېتىپ، تۇغۇلۇش نىسبىتى ‰5.63، تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ‰2.41- بولغان. ئۆلكىلەر بويىچە قارىغاندا، 2025-يىلى جايلاردا نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى، نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش ئەھۋالى قانداق بولدى؟
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تۈزۈپ نەشر قىلغان «جۇڭگو ئىستاتىستىكا يىلنامىسى 2026»دە 2025-يىلىدىكى 31 ئۆلكە نوپۇسىنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى، ئۆلۈش نىسبىتى ۋە تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىندى. بىرىنچى مالىيە-ئىقتىساد مۇنبىرى مۇخبىرىنىڭ بايقىشىچە، 2025-يىلى، توققۇز ئۆلكە نوپۇسىنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى ‰ 7 دىن ئاشقان. نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى جەھەتتە، يەتتە ئۆلكىنىڭ نوپۇسىنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى مۇسبەت بولغان.
بۇنىڭ ئىچىدە، نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى ‰ 7 دىن ئاشقان توققۇز ئۆلكە شىزاڭ، گۇيجۇ، شىنجاڭ، نىڭشيا، چىڭخەي، گۇاڭدۇڭ، خەينەن، يۈننەن ۋە گۇاڭشى بولۇپ، ئاساسلىقى غەربىي رايون ۋە جەنۇبىي جۇڭگو رايونىغا جايلاشقان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ