پۈتۈن مۇساپە 15 سائەت 45 مىنۇت، بىر بېلەت بىلەنلا ئىسلاندىيەگە بىۋاسىتە بارغىلى بولىدۇ

2026.10.26 15:14 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭ-كوپىنھاگېن-رېيكياۋىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدۇ. بۇ لىنىيە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇق ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئىسلاندىيەگە بارىدىغان تۇنجى قەرەللىك يولۇچى توشۇش لىنىيەسى، شۇنداقلا نۆۋەتتە شەرقىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىن ئىسلاندىيەگە بارىدىغان بىردىنبىر قەرەللىك يولۇچى توشۇش لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بېيجىڭدىن يولغا چىقىپ كوپىنھاگېندا توختاپ رېيكياۋىكقا بارىدۇ، بىر بېلەت بىلەنلا رېيكياۋىكقا بارغىلى، شۇنداقلا يۈك-تاقنى بىۋاستە ئەۋەتكىلى بولىدۇ، پۈتۈن مۇساپىلىك ئۇچۇش ۋاقتى تەخمىنەن 15 سائەت 45 مىنۇت بولىدۇ.

يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ئىسلاندىيەگە قەرەللىك يولۇچى توشۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بوشلۇقىنى ئۈنۈملۈك تولدۇرۇپ، يولۇچىلارنىڭ ئالمىشىپ سەپەر قىلىش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، سودا سۆھبىتى، ساياھەت، تەتقىقات ۋە ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە بېرىش-كېلىشنى ئىشەنچلىك توشۇش كۈچى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلىتىمىزنىڭ ياۋروپا رايونىدىكى ھاۋا يولى تورىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ