
مۇخبىرنىڭ جۇڭگو ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۆتكەن ئۈچ يىلدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى سوت مەھكىمىلىرى 9500دىن ئارتۇق پېنسىيەگە چىققان سودىيەنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكەن، ھازىر 3800 دىن ئارتۇق سودىيە تەكلىپ بىلەن ئىشلەۋېتىپتۇ.
10-ئاينىڭ 23-كۈنى "كۈمۈش چاچلىق سودىيەلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ تالاش-تارتىشنى توختىتىش" باش تېما قىلىنغان "ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سودىيەلەر مۇنبىرى" ئۆتكۈزۈلدى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مەھكىمە باشلىقى جاڭ جۈن يىغىنغا قاتناشتى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى پېنسىيەگە چىققان سودىيەلەر خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش سۇپىسى قۇرۇپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈمۈش چاچلىقلارنىڭ كۈچىنى زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، سوت قىلىش، قوشۇنغا ۋارىسلىق قىلىش، قانۇنچىللىقنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە جۇلالاندۇرۇپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئىللىقلىقىنى نامايان قىلىدىغان كۈمۈش چاچلىق ئىختىساسلىقلار كۈچ قوشۇش يولىنى تېپىپ چىققان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ