
يېقىندا لياۋنىڭ جىنجوۋدا ئىككى ئەر دوختۇرخانىغا كىرىپ GOIP ئۈسكۈنىسىنى ئورناتقان. جىنايەت گۇماندارلىرى تېخنىكىلىق قۇلۇپ ئېچىش ئارقىلىق دوختۇرخانىنىڭ ئاجىز توك ئۆيىگە كىرىپ، چېگرا سىرتىدىكى تېلېفوننى يەرلىك دوختۇرخانىنىڭ تېلېفونىغا ئايلاندۇرۇپ ئالدامچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان. ساقچىلار دەرھال گۇماندارلارنى بېكىتكەن ھەمدە مۇۋەپپەقىيەتلىك قولغا ئالغان. GOIP بىر خىل مەۋھۇم تېلېفون قىلىش ئۈسكۈنىسى بولۇپ، ئۇ ئادەم بىلەن كارتىنى ئايرىپ، يىراق مۇساپىدە تۈركۈملەپ تېلېفون قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.
ساقچى تەرەپ شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، مۇنتىزىم ئورۇنلار تېلېفون ئارقىلىق ھېسابات يۆتكەشنى ياكى شەخسىي ئۇچۇر تەمىنلەشنى تەلەپ قىلمايدۇ، يەرلىك نومۇرنى قوبۇل قىلغاندىمۇ ھوشيارلىقنى بوشاشتۇرماسلىق كېرەك!
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ