
2027-يىللىق مەركەز ئورگانلىرىغا ئاشكارا مەمۇر تاللاش ۋە ئاشكارا تاللاپ ئىشقا قويۇشقا تىزىملىتىش باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 10-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 8:00 دىن 11-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 18:00 گىچە بولغان ئارىلىقتا "2027-يىللىق مەركەز ئورگانلىرىغا ئاشكارا مەمۇر تاللاش ۋە ئاشكارا تاللاپ ئىشقا قويۇش مەخسۇس تور بېكىتى"( http://subb.scs.gov.cn/lx2027 ) گە چىقىپ توردا تىزىملاتسا بولىدۇ، يېزىقچە ئىمتىھان 11-ئاينىڭ 28-كۈنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، ئۆلكىلەرنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلارنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرىدە بىرلا ۋاقىتتا ئېلىنىدۇ.
بۇ قېتىمقى ئاشكارا تاللاش ۋە ئاشكارا تاللاپ ئىشقا قويۇشقا مەركەز ئورگانلىرىدىن جەمئىي 42 تارماق قاتناشقان بولۇپ، 213 ئادەم تاللاش پىلانلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاشكارا تاللىنىدىغان خىزمەت ئورنى مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ۋەزىپىسى ۋە 1-دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ۋەزىپە دەرىجىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، 197 كىشى تاللاش پىلانلانغان؛ ئاشكارا تاللاپ ئىشقا قويۇلىدىغان خىزمەت ئورنى 1-دەرىجىلىكتىن 4-دەرىجىلىككىچە بولغان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى ۋەزىپىسى بولۇپ، 16 كىشى تاللاش پىلانلانغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ