
مۇخبىرىمىز يوۋ يى
9.3%
ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مەھسۇلاتلىرى سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 9.3 ئېشىپ، ئومۇمىي سېلىنمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 2.4 پىرسەنت پوئېنت ئۆستى.
سىچۈەن چېڭدۇدىكى خەيچۇاڭ دورىگەرلىكىنىڭ 3-قەۋەتتىكى يىغىن زالىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى خېلى جىددىي ئېچىلدى.
باش دېرىكتور چېن يۈەنۋېي ھەل قىلماقچى بولغان مەسىلە بىرلا ئەمەس ئىدى − شىركەتنىڭ مەزى بېزى راكىنى داۋالايدىغان ئىجادىي دورىسى بازارغا سېلىنغىنىغا ئەمدىلا بىر يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، سېتىلىشى يەنىلا ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا؛ خەۋپ ـ خەتىرى يۇقىرى بولغان بىيوخىمىيەلىك قايتا قوزغىلىدىغان مەزى بېزى راكىنى Ⅲ قارارلىق كىلىنىكىلىق سىناق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش نۆۋەتتىكى تېخىمۇ مۇھىم ۋەزىپە ئىدى.
"بايلىق مۇشۇنچىلىكلا، تاللاشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك." چېن يۈەنۋېينىڭ تەلەپپۇزى كەسكىن ئىدى، لېكىن بۇ قارارنى چىقىرىش ئاسانغا توختىمىغانىدى.
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىركەت ئالىملار، كىلىنىكا مۇتەخەسسىسلىرىنى تەشكىللەپ تاللانغان تۈرلەرنى بىر-بىرلەپ ئىلمىي باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، بايلىق تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇردى. "بۇنىڭدىكى مەقسەت ئادەم كۈچى، خىراجەتنى يادرولۇق لىنىيەگە مايىللاشتۇرۇپ، يېڭى دورىلارنىڭ كېسەللىككە ئىشلىتىلىشكە ماس كېلىشىنى كىلىنىكىدا ئالغا سىلجىتىش ۋە يەنە بىر ئاساسلىق مەھسۇلاتنى داۋاملىق ئېچىشنى نۇقتىلىق قوللاشتىن ئىبارەت" دېدى چېن يۈەنۋېي.
"ئىجادىي دورا ياساش ئەمەلىي مەبلەغ سېلىشتىن ئايرىلالمايدۇ." شىركەتنىڭ باش تېببىي ئەمەلدارى لى شىمىڭ ئەھۋالغا تەپسىلىي قاراپ چىقىپ، مەبلەغنى يوشۇرۇن كۈچى دەلىللەنگەن مەھسۇلاتقا مەركەزلەشتۈرۈپ سېلىپ، تۆت چوڭ تېخنىكا سۇپىسىنىڭ دەرىجىسىنى سىجىل ئۆستۈردى؛ كومپيۇتېردا قوشۇمچە دورا لايىھەلەش، مولېكۇلالىق تاللاش، بەدەن ئىچى ۋە سىرتىدا دورا ئۈنۈمىنى باھالاش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى؛ تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزى، خەلقئارا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق سۇپىسى قۇردى.
يېڭىلىق يارىتىلغان دورىلار رىقابىتى، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا ئىختىساسلىقلار رىقابىتىدۇر.
خەيچۇاڭ گۇرۇھىنىڭ 100 دىن ئارتۇق كىشىدىن تەركىب تاپقان تەتقىق قىلىپ ئېچىش كوللېكتىپى ئالىملار، تۈر مەسئۇللىرىدىن ياش پەن تەتقىقات تايانچلىرىغىچە بولغان پەلەمپەيسىمان ئەترەتنى شەكىللەندۈردى. ئىچكى قىسىمدىكى يېتەكچى تۈزۈمدە نوپۇزلۇق ئالىملار ياش تەتقىقاتچىلارنى يېتەكلەپ تەربىيەلەپ، ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا يېڭى دورىلارنى پۈتۈن جەريانلىق ئېچىش ئىقتىدارىنى مەشىقلەندۈردى، بارغانسېرى كۆپ ياش سىيمالار ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى. "مائاشتىن باشقا، تۈر مۇكاپاتى، پاي ھوقۇقى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش كىلىنىكىنى ئالغا ئىلگىرىلىتىدۇ، پاتېنت يارىتىش بىلەن كوللېكتىپنىڭ پايدىسى زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، پەن تەتقىقات خادىملىرى خاتالىقنى سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلىپ، سىجىل يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ." چېن يۈەنۋېينىڭ قارىشىچە، تەتقىق قىلىپ ئېچىش خادىملىرى رىغبەتلەندۈرۈشكە موھتاج ئىكەن، "نەتىجە گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، كۆپچىلىك ئالدىغا قاراپ مېڭىشتا تېخىمۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە بولدى."
شىركەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدۇ.
تەتقىق قىلىپ ئېچىش قەيەردە بولسا، پاتېنت شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ھازىرغىچە، شىركەت جەمئىي ئىلتىماس قىلغان پاتېنت ھەمكارلىق شەرتنامىسى ھەم جۇڭگونىڭ كەشپىيات پاتېنتى 300 دىن ئارتۇق بولۇپ، 130 دىن ئارتۇق تۈرگە بېرىلدى. ساننىڭ ئارقىسىدا، ھەر يىلى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسى ۋە كۆپ يىللاردىن بۇيانقى سىجىل چىقىم − پاتېنت سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى ئىشلىتىش ھەققى، پاتېنت ئىلتىماس قىلىش ھەققى، ھوقۇقنى ساقلاش ھەققى بار. لېكىن چېن يۈەنۋېي بۇنى ئەرزىيدىغاندەك ھېس قىلدى، "بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنىڭ ئاساسى."
پاتېنتنىڭ ئۇزارتىلىشى ئېلىپ كەلگەن ۋاقىت پايدىسى ئىنتايىن مۇھىم.
بۇلتۇر بازارغا سېلىنغان ئىجادىي دورا بىرىكمىسى پاتېنتىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش مۇددىتى 2032-يىلىغىچە بولۇپ، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، ئەڭ كۆپ بولغاندا بەش يىل ئۇزارتىشقا بولىدۇ. "بۇ 'كۈچلۈك مۇقىملاشتۇرغۇچ' بولغاچقا، بىز تېخىمۇ كۆپ ماس كېلىدىغان كېسەللىكلەرگە يۈرۈش قىلىشقا باشلىدۇق. " لى شىمىڭ مۇنداق دېدى: ئاخىرقى باسقۇچتىكى بىمارلار ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشتىن دەسلەپكى باسقۇچتىكى خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى بولغان بىيوخىمىيەلىك قايتا قوزغالغان بىمارلارمۇ ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشقىچە، پاتېنتنىڭ ئۇزارتىلىشى كارخانىنى كىلىنىكىلىق بايلىقنى دەسلەپكى باسقۇچتىكى بازارغا سېلىشقا جۈرئەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
نۇرغۇن پاتېنتنىڭ ئارقىسىدا بىر كەسپىي بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كوللېكتىپى بار. شىركەت پاتېنت ۋاكالەتچىسى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قانۇن ئىشلىرىنى سەپلەپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش لىنىيەسىگە چوڭقۇر سىڭدۈردى. ھەربىر يېڭى تۈر تۇرغۇزۇلۇشتىن ئىلگىرى، پاتېنت ئىزدەشنى ئومۇميۈزلۈك ئەركىن يولغا قويۇپ، پۈتۈن يەر شارىدا ھازىر بار بولغان پاتېنتنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش خەۋپ-خەتىرىدىن ساقلاندى؛ يېڭى دورىنىڭ كىلىنىكىلىق سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى، ئاشكارىلانغان مەزمۇنلارنى باھالاپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى؛ ساھەلەردىكى رىقابەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ پاتېنتىنى قەرەللىك نازارەت قىلىپ تىزگىنلەپ، باشقىچە پىكىرنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆز پاتېنتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىدى.
چېڭدۇدا نۇرغۇن بىيوتېببىي دورا كارخانىلىرى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئاچقۇچلۇق مۈلۈك دەپ قاراپ مەبلەغ سالدى. "بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى"دىن "مۈلۈك"كىچە، سەۋرچانلىق بىلەن مەبلەغ سېلىپ نەتىجە كۈتتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ