جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

​«20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 7 ـ نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات» قاراپ چىقىلدى

​جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2026.10.26 15:08 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 10 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا «20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 7 ـ نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات» قاراپ چىقىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 7 ـ نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى چوڭقۇر، پۇختا ئىشلەندى، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. كۆزىتىشتىن قارىغاندا، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىدە پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلگەن، لېكىن يەنە بەزى مەسىلىلەر ساقلانغان، جەزمەن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كەسكىن، ئەستايىدىل ھەل قىلىش كېرەك. تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تۈزىتىشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش ـ تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، كۆزىتىشتە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىشى، ھەقىقىي ۋە ئەمەلىي تۈزىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىشتىكى 1 ـ چاسا سەپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ھەر ۋاقىت خاتىرجەم بولالمايدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن خەۋپ ـ خەتەرنى مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش ئويلىشىشى كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بەنزىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ياخشى تۇتۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىنى ئىزچىل ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئورگان بەرپا قىلىشى كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ